خىتاينىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى ئىسلامغا قارشى جىنايەتلىرى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ رامىزان مەزگىلىدىكى ئىسلامغا قارشى جىنايەتلىرى ئاشكارىلاندى
زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ روزا ئىبادىتىنى چەكلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنى چوشقا بېقىشنى ئۆگىنىشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
جېجياڭ ئۆلكىسىگە تەۋە مەلۇم بىر شەھەردىكى خىتاي ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر شەھەر ئاپرېل ئېيىدا ھۆججەت تارقىتىپ، رامىزان ئېيىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش» خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ساقچىلاردىن يەرلىكتىكى مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ جۈمە كۈنى قاتتىق نازارەت قىلىش، رامىزان كۈنلىرى ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش، شەرقىي تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارغا كونتروللۇقنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ كىملىكى، يۈك-تاقلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ، تۇرۇشلۇق ئورنىنى دائىم نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى بىر تۇڭگان كىشى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى روزىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى، مەسچىتكە بېرىش يولىدا سۇ تەييارلاپ، مەسچىتكە كىرىشتىن بۇرۇن سۇ ئىچىشكە زورلىغانلىقىنى، سۇ ئىچمىگەنلەرنى مەسچىتكە كىرىشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ روزا تۇتۇشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. شەندۇڭدىكى مەلۇم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەكتەپنىڭ رامىزان ئېيىدا كۈندۈزى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە ۋە چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى، دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بايقالسا جازالىنىدىغانلىقىنى ياكى شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
كورلا شەھىرىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىزمەتچىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلى نويابىر ئېيىدا كورلا شەھىرىدىكى خىتاي دائىرىلىرى ئىدارە ئاشخانىلىرىنىڭ تاماق تىزىملىكىنى چوشقا گۆشىگە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئورۇننىڭ ئاشخانىسىدا ھەر كۈنى چوشقا بېشى، چوشقا پاچىقى ئىشلىتىلگەن تاماقلار پەيدا بولغان. ئاشخانىدىكى ئۇيغۇر ئايال ئىشچى چوشقا گۆشى بىلەن تاماق ئېتىشتىن قاتتىق يىرگىنىپ، خورلۇقتىن يىغلاپ تاشلىغان. خىزمەتداشلىرى ئۇنى يىغلىماسلىققا، يىغلاپ چاندۇرۇپ قويسا ئىدارىنىڭ ئۇنى ئىشتىن قوغلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ پەس قىلغان. ئۇ ئايالنىڭ خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشتىن باشقا ئامالى بولمىغان، ئەرز قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان. خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان ئۇيغۇر كادىرلارمۇ خىتاينىڭ بۇ خىل تەتۈر قىيناشلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
2019-يىلى 9-ئايدا غۇلجىدىكى خىتاي دائىرىلىرى ئىككى ئاي پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەن. بۇ مەزگىلدە دائىرىلەر مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا كۇرسانتلار بىلەن بىللە تاماق يېيىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ھەر قانداق سەۋەب بىلەن ھالال تاماق ئېتىدىغان ئاشخانىلارنى ئىزدەپ سىرتقا چىقماسلىققا بۇيرۇلغان. بىر نەچچە ئۇيغۇر كۇرسانت مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يېيىشنى خالىمىغان. بۇ ئىشقا مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە مەجبۇرلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارنى چوشقا بېقىشقا مەجبۇرلىغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خوتەندىكى دائىرىلەر باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ھەربىر كەنتتىن چوشقا بېقىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنى چوشقا بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇيغۇرلار يەنە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چوشقا بېقىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىشقا مەجبۇرلانغان.

بۇ خەۋەر 1410 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2020 21:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق