نۇزۇگۇم جەمئىيىتى باشقا جەمئىيەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى چىك تۇتتى

نۇزۇگۇم جەمئىيىتى باشقا جەمئىيەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى چىك تۇتتى

شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى 15-ماي باشقا ئىجتىمائىي ياردەم جەمئىيەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېمەكلىك ۋە نەق پۇل ياردىمى تارقىتىپ بەردى.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «يېتىملەر ۋەقفى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىرتقا چىقالمىغان ئائىلىلەرگە ۋە جەمئىيەت كېپىل بولۇپ كەلگەن 60 يېتىم بالىغا ئايلىق ياردەم پۇلى ۋە 50 يېشىك يېمەكلىك تارقىتىپ بەردى.
نۇزۇگۇم جەمئىيىتى يەنە ھىندونېزىيەنىڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش جەمئىيىتى (aksi capat tanggap)نىڭ تۈركىيەدىكى شۆبىسى بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتمۇ 50 يېشىك يېمەكلىكنى ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەردى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ ئىش باشلىغاندىن بېرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي رايونلىرىدا تۇرۇشلۇق يېتىم بالىلارغا كېپىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى تەشكىللىگەندىن سىرت، ھەر ئايدا قەرەللىك نەق پۇل ۋە يېمەكلىكلەرنى تارقىتىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 2552 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2020 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق