كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى يۇقۇم مەزگىلىدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

كۆك ئاي ئىنسانى ياردەم جەمئىيىتى 14-ماي ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى سۇتۇق بۇغراخان كىتابخانىسىغا جايلاشقان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق ئىشخانىسىدا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى.

بۇ ياردەم بويۇملىرى زەيتىنبۇرنۇ رايونى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارغا تارقىتىلغان بولۇپ، 500گە يېقىن يېشىك ۋە مال سېتىۋېلىش كارتىسى تارقىتىپ بېرىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، رامىزان ئېيى كىرگەندىن بېرى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە تارقىتىلىۋاتقان مەزكۇر ياردەم بۇيۇملىرى تۈركىيە ئىچى ۋە ئاۋسترالىيە، كانادا... قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ياردەمسۆيەر كىشىلەر تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن.
كۆك ئاي جەمئىيتى بۇ رامىزانلىق ياردەم بۇيۇملىرى ۋە مال سېتىۋېلىش كارتىلىرىنى 11-مايدىن باشلاپ ئۇدا بىر نەچچە كۈن سەفاكۆيدىكى كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى مەركىزىدىمۇ تارقاتقان.

بۇ خەۋەر 2721 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2020 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق