كەلپىندە 5.2 بال يەر تەۋرىدى

كەلپىندە 5.2 بال يەر تەۋرىدى
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 12-ماي بەرگەن خەۋىرىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلپىن ناھىيەسىدە 5.2 بال يەر تەۋرىگەن.
خىتاي يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-ماي سائەت 23:35دە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 40.77 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.76 گىرادۇس) دە 5.2 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 15 كىلومېتىر بولغان.
خەۋەردە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ كەلپىن ناھىيەسى، ئاقچى ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى پەيدا قىلغانلىقى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمىنىڭ روشەن بولغانلىقى، تەۋرەش مەركىزىنىڭ كەلپىن ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 38 كىلومېتىر، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 134 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 804 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، يەر تەۋرەشتە ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

 

بۇ خەۋەر 1282 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2020 00:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق