خىتاي تارىخىي مەسچىتلەرنى تاقاپ مۇزېيغا ئايلاندۇرغان

خىتاي تارىخىي مەسچىتلەرنى تاقاپ مۇزېيغا ئايلاندۇرغان
ئىلخا تورىنىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر قىسىم تاقالغان تارىخىي مەسچىتلەرنى مۇزېيغا ئايلاندۇرۇپ، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋەتكەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىكلەر ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش ۋە ئىسلام تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى چەكلەنگەن بىر ۋەزىيەتتە، بىر قىسىم تارىخىي مەسچىتلەر مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەن.
خىتاي ئىككى يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەرگە جايلاشقان تارىخىي مەسچىت ئاپاق خوجا مەسچىتىنى تاقاپ، ناماز ۋە دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى چەكلىگەن بولۇپ، يېقىندا بۇ مەسچىتنى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىۋەتكەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نەچچە مىليون مۇسۇلماننى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا تاشلاش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىغا ئىشارەت قىلىدىغان بارلىق بەلگىلەرگە قارشى تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئۇچۇرنى ساقلىغان كىشىلەرنى قاتتىق جازالاپ، باستۇرغان كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1039 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2020 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق