خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۈچ يىلدىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈرگۈزۈۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئائىت بىر قىسىم مەلۇماتلار ئېنىقلاندى.
خىتاي 2017-يىلدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مىللىي ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئۆيلىرىنى ۋە مەھەللىلەرنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىپ، خىتاي ئۇسلۇبىدا سېلىشقا باشلىغان. ھازىرغىچە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مۇسۇلمان مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان 13 مەھەللە مەجبۇرىي چېقىپ ئۆزگەرتىلگەن. 100مىڭ ئۆي، 300 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ تارقاقلاشتۇرۇلغان.
ئېنىقلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۈرۈمچىدىن ئىسلام دىنىنىڭ ئىزىنى يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بەيتۇللاھ مەسچىتى، دەريا بويى (خابا) مەسچىتى، داۋەن يوپۇرغا (جىدۈي) مەسچىتى، غەربىي ۋوگزال ئۇيغۇر مەسچىتى قاتارلىق مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى يەنە يېقىنقى مەزگىللەردە ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتلەرنى قانۇنلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلامنىڭ سىمۋولى بولغان مەسچىتلەرنى، ئىسلام دىنغا ۋە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە ئالاقىدار كىتاب ۋە ھەر خىل سىمۋوللۇق بەلگىلەرنى يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە.

بۇ خەۋەر 1175 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2020 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق