ياردەمچى ساقچى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىچكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى

ياردەمچى ساقچى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىچكى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى
زىمىستان تورىنىڭ 10-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ ئىشلىگەن بىر نەچچە ياردەمچى ساقچى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئالاقىدار تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلىغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياردەمچى ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا ھەر 500 مېتىر ئارىلىقتا بىر ساقچى پونكىتى بار بولۇپ، ھەر بىرىنى 20 دىن ئارتۇق ساقچى قوغدايدىكەن. تۆت ساقچى پونكىتى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بەلگىلەنگەن رايونلاردا 24 سائەت چارلاشقا مەسئۇل بولىدىكەن. ئەگەر بىر ساقچى پونكىتى تەۋەلىكىدە ۋەقە يۈز بەرسە، قالغان ئۈچ ساقچى پونكىتى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، 50تىن ئارتۇق ساقچى ۋە ئون نەچچە ساقچى ماشىنىسى ئەۋەتىدىكەن. ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلىپ بىر مىنۇت ئىچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بارالمىغان ساقچىلار جازالىنىدىكەن.
ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئامانلىق ساقلاش خادىمى بار بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز خادىم قوبۇل قىلىنغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ ماناس ناھىيەسىدىكى مەلۇم ساقچىخانىدا ئىشلىگەن ياردەمچى ساقچى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ھەر بىر ساقچىغا سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا باغلانغان «ساقچى مۇلازىمەت ئۈسكۈنىسى» بېرىدىغانلىقىنى، ساقچىلار بارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنىمۇ تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە كوچىدا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھەر ۋاقىت ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇ بىلىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ھەتتا بىر كۈندە 34 قېتىم تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، يانفونىدا خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلىدىغان سەزگۈر ئۇچۇرلار بايقالغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ساقچىلارنى كۆرگەندە قورقۇپ، يىراقتىن ئەگىپ ئۆتىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، نۇقتىلىق نوپۇس قاتارىغا تىزىلغان ئۇيغۇرلار ئۇزۇن مۇددەت نازارەت قىلىنغاندىن سىرت، يەنە ئۇلارنىڭ ئۈچ ئەۋلاد تۇغقانلىرىمۇ داۋاملىق نازارەت قىلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا، خىزمەت تېپىشىغا ۋە مەھەللىسىدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن.
بۆرتالا ئوبلاستىدا ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن بىرىنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ھەممىسى بىر قەدەر چەت جايلارغا سېلىنغان بولۇپ، سىرتتىكىلەرنىڭ تېپىشى ئاسان ئەمەس ئىكەن. جازا لاگېرىغا تۇتىشىدىغان يولدا ئالاھىدە ساقچىلار بار بولۇپ، ئەگەر بىرەرسى بىلمەستىن بۇ يولغا كىرىپ قالسا، قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىدىكەن. جازا لاگېرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغانلىقتىن، ھەتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلارمۇ كىرىش ئۈچۈن ئۈچ تەكشۈرۈش ئورنىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ ئۆزىنىڭ بىر قېتىم مەلۇم ئورۇندىكى جازا لاگېرىغا خىزمەت ئۈچۈن بارغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىمۇ ئايىغىنى سالدۇرۇپ تەكشۈرگەنلىكىنى، جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار بىلەن ئالاقىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى، لاگېردىكى ساقچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يانفون ئىشلىتىشى چەكلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، لاگېردىن چىققانلارنىڭ بىر قىسمى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇلار نېمىنىڭ ياخشى، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ، نورمال ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان. ھەتتا ۋەزىيەت ئېغىرلىشىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك جازا لاگېرىغا كىرىپ چىققانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە دوستلىرى ئۇلاردىن قاچىدىغان بولۇپ قالغان.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جازا لاگېرىدىكى ساقچىلارمۇ قاتتىق باشقۇرۇلغانلىقى سەۋەبلىك بەرداشلىق بېرەلمەي، ئىش تاشلاپ كېتىپ قالغانلارمۇ كۆپ بولغان. ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەۋاتقان 30 نەچچە ساقچىنىڭ كۆپىنچىسى بەرداشلىق بېرەلمىگەچكە، ئىستېپا سوراپ كېتىپ قالغان.

بۇ خەۋەر 1438 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2020 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق