ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا

ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلانماقتا
8-ماي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان چۆچەك ۋىلايەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىنلىق خەۋىرىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاتا-ئانىلىرى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىگە قامىلىپ، ئىگە-چاقىسىز قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىي ئائىلىسىدىن ئايرىپ، ھەر خىل ناملار قويۇلغان بالىلار لاگېرىغا سولىغان. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىنى چەكلەپ، خىتاي تىلىدا تەربىيەلىگەنلىكى ئاشكارىلانغان.
مەزكۇر سىندا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بىر تۇتاش خىتايچە كىيىم كىيىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، ئوقۇتقۇچىغا سالام بېرىش، ئۆزئارا ئۇچراشقاندا سالاملىشىش قاتارلىق يۈرۈش-تۇرۇش قائىدىلىرىنىڭ ھەممىسىدە خىتايلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ئۆگىنىشكە ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىدىن ئايرىغان ھالدا خىتايلاشتۇرۇپ تەربىيەلەپ چىقىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى ئاشكارىلانغان.
ئالدىنقى يىللاردا بالىلار لاگېرى ھەققىدە ئاشكارىلانغان سىنلار ۋە سۈرەتلەردىمۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر سۆزلىشى چەكلىنىپ، بارلىق مەقسەتلىرىنى خىتايچە ئىپادىلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1756 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2020 18:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق