خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىندى

خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىندى

8-ماي خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا تۈركچە دوكلات ئېلان قىلىندى

دوكلات 40 بەت ئەتراپىدا بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا قانداق تارقالغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ ۋابادىن قانداق قۇتۇلغانلىقى، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خەلقئاراغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرى، خىتاي ۋىرۇسى دۇنياغا كەڭ كۆلەمدە تارقىلىۋاتقان پەيتتە خىتاينىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولغانلىقى، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشچانلىقى ۋە خىتاينىڭ زومىگەرلىكى قاتارلىق خەلقئارادا مۇھىم كۈنتەرتىپكە كەلگەن تېمىلار ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

دكلاتتا يەنە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بىلەن زىچ باغلاپ، تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا دىققىتىنى قوزغايدىغان مەزمۇنلارغا مۇھىم ئورۇن بېرىلگەن.

دوكلاتتا، ئاساسلىقى خىتاينىڭ ۋىرۇسنىڭ خەتىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا، جۈملىدىن تۈرك دۇنياسىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكى، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ بۇلارنى بىلىپ يېتىشى كېرەكلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا زومىگەرلىك قىلغىنىدەك، باشقا دۇنيا ئەللىرىدىمۇ زوراۋانلىق قىلىش رەزىل پىلانىنىڭ بارلىقى، شۇڭا خىتايدىن ئاگاھ بولۇش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەلقىمىزنىڭ ژۇرنالنى كەڭ كۆلەمدە تارقىتىشتا بىز بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

 file:///C:/Users/istiqlaltv/Downloads/COVI%CC%87D-19%20(1).pdf

بۇ خەۋەر 2517 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2020 18:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق