خىتاي بۇ يىل 310 مىڭغا يېقىن ئائىلىنى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان

خىتاي بۇ يىل 310 مىڭغا يېقىن ئائىلىنى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»ىنىڭ 7- مايدىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئاتالمىش«كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش » نامىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئۇسلۇبىدا سېلىنغان 310 مىڭغا يېقىن ئائىلىنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان.
نەچچە يىللاردىن بىرى يومشاق ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتەلمىگەن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017- يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى تۈرمە ۋە لاگېرلاغا سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىپ، ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن ئسلامىي قىممەت قارىشى ۋە مىللىي مەدەنىيەت قارىشىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت نۇسخىسىدا سېلىنغان ئۆي، ھويلا ئاراملارنى ئاتالمىش « كونا ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش نامىدا مەجبۇرى چېقىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ يىل رەزىل پىلانىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشنى پىلانلىغان.
ئىگىلىنىشچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ يىل يەنە، داۋاملىق قۇرۇش تۈرىدە 788 ئولتۇراق رايون، 116 مىڭ 300 ئائىلىنىڭ ئۆيىنى چېقىپ ئۆزگەرتىش، يېڭىدىن 1090 ئولتۇراق رايون، 193 مىڭ 400 ئائىلە قۇرۇپ چىقىش، ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ ھەممىسىدە 6 - ئايدىن بۇرۇن قۇرۇلۇش باشلاشنى پىلانلانغان.
نۆۋەتتە، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە، داۋاملىق چېقىپ ئۆزگەرتىش، قۇرۇش تۈرىدە ئىش باشلىغان ئائىلە 96 مىڭ 400 گە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈردە ئىش باشلىغان ئائىلە 29 مىڭ 200 يەتكەن.
ئىگىلىنىشچە، چېقىپ ئۆزگەرتىشتە 2000 - يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان ئولتۇراق رايون ئاساس قىلىنغان. بو يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى، خوتەن شەھىرىدىن ئىبارەت بەش شەھەرنى نۇقتىلىق قىلىپ، چېقىپ ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 1433 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2020 22:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق