خىتاي بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

خىتاي بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتتى
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىن قىلىش سىياسىتى خەلقئارادا كۈچلۈك كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان بىر پەيىتتە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى قورچاق ئورگىنى ئاتالمىش«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمەت نازارىتى» خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش مەقسىتىدە بۇ يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
«ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ھەر قايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەر قايسى مەمۇرىي مەھكىمەلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، ھەر قايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:
2020-يىللىق روزا ھېيتلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىندى:
5-ئاينىڭ 23-كۈنى (شەنبە)، 5-ئاينىڭ 24-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال دەم ئېلىنىدۇ، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىجورنىلىق، نۆۋەتچىلىك قىلىش خىزمەت تەلىپى بويىچە، دىجورنىلىق ۋە بىخەتەرلىك، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئەگەر مۇھىم، زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرسە، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بايراملىق دەم ئېلىشىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.»
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆتكەن يىللىق روزا ھېيت مەزگىلىدە قاتتىق ئىجرائاتلار بىلەن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ھېيت كۈنلىرىدە ئۆي – پەتىلەش ۋە تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئېسىل ئەنئەنىسىگە چەك قويغان، ھەتتا پەرزەنتلەرنى ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە ئۇزاق ۋاقىت تۇرشىغىمۇ چەك قويغان ئىدى.

 

بۇ خەۋەر 1467 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2020 22:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق