خىتاي مۇسۇلمانلارنى رامىزاندا ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىدى

خىتاي مۇسۇلمانلارنى رامىزاندا ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىدى
7-ماي ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى تىك – توكتا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى رامىزان ئېيىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىغان.
مەزكۇر سىن 15 سېكۇنتلۇق بولۇپ، سىندا شەرقىي تۈركسىتاندىكى خىتاينىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى « ھاراق ئىچىش مۇسابىقىسى » نامىدا مۇسۇلمانلارنى ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلىغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ئىسلام دىنى ۋە دىنىي ئەھكاملارنى، شۇنداقلا مۇبارەك رامىزان ئېيىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن، خەلقنى مەجبۇرىي ھاراق ئىچىش مۇسابىقىسىگە تەشكىللەپ كەلمەكتە.
ئۇندىن باشقا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتلىرىدا تارقالغان رەسىملەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقىمىزنى رامىزان مەزگىلىدە ئېغىر ھاشارغا سېلىش، ئۆيلىرىنى چېقىپ ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن خەلقىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ روزا تۇتۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان.

https://twitter.com/hoghuzkhan/status/1258501367804633103?s=21

https://twitter.com/hoghuzkhan/status/1258501367804633103?s=21
بۇ خەۋەر 1389 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2020 22:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق