پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولدى

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولدى
ئۆز خەۋىرىمىز: شەرقىي تۈركسىتان ۋىرۇس كرىزىس مەركىزىنىڭ ياردىمى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ يەتكۈزۈلدى
يېقىندا مۇھاجىرەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاساسلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان « شەرقىي تۈركىستان ۋىرۇس كرىزىس مەركىزى» نىڭ ياردىمى پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ يەتكۈزۈلدى.
پاكسىتاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقف كرىزىس مەركىزىگە ۋاكالىتەن پاكستاننىڭ راۋالپىندى بىلەن ئىسلام ئاباتتا ياشاۋاتقان 150 ئۇيغۇر ئائىلىسىگە ئۇن، گۈرۈچ، ماي قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى تارقىتىپ بەرگەن. ئۇندىن باشقا 100 گە يېقىن ئائىلىگە مەلۇم مىقداردا كۆكتات تارقىتىپ بەرگەن.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقف رەئىسى ئۆمەرخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندا قۇرۇلغان « شەرقىي تۈركىستان ۋىرۇس كىرزس مەركىزى» خىزمەت ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا پاكىستاندا ياشاۋاتقان بىر قىسم ئۇيغۇرلار خىتاي ئەلچىخانسى قىلغان ياردەم بۇيۇملىرىنى رەد قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاننىڭ گېلىگنىت ۋە ئافغانىستاندىمۇ ياردەمگە ئېھتىياجى بار ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. ئەگەر ياردەم بويۇملىرى يېتەرلىك بولسا ئۇلارغىمۇ ياردەم قىلىشنى ئويلاشقان.

بۇ خەۋەر 2310 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2020 21:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق