خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن
زىمىستان تورىنىڭ 6-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قارىتا نازارەتنى كۈچەيتكەن.
خىتاي ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىي رايونىدا «مۇكەممەل ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدا ھۆججەت تارقاتقان. ھۆججەتتە جەمئىيەتنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى، ئائىلە ئەزالىرى ۋە كەلگەن زىيارەتچىلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئولتۇراق رايونلاردىن يوشۇرۇن نازارەت قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان.
يوشۇرۇن كۆزىتىش ۋە بايقاش سىستېمىسى نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتنى تېز تەكشۈرۈپ، كىملىكىنى دەلىللەيدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنە ئىكەن. مەزكۇر سىستېما ئىنسانلارنىڭ بىيولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى ۋە ھەرىكەت قانۇنىيىتى قاتارلىق ھەر خىل بىيوگېئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن كىملىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن.
زىمىستان تورى مۇخبىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم ئولتۇراق رايوننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئولتۇراق رايونلارغا زىيارەتچىلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن يېڭى نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىۋاتقانلىقىنى، مەزكۇر ئۈسكۈنە ئادەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە بېكەت ۋە زاۋۇت قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا بولسا ھەر بىر مەھەللىگە ئورنىتىلغانلىقىنى بايقىغان.
ئولتۇراق رايوندىكى خىزمەتچىلەرنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر ئۈسكۈنە زىيارەتچىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى بىر سېكۇنت ئىچىدە ئېكراندا كۆرسىتەلەيدىكەن. ئايلانما ئىشىكتىن ئۆتسىلا، چىراي تونۇش ئۈسكۈنىسى بىلەن پەرقلەندۈرۈلىدىكەن. ھەتتا باشقىلارغا ئەگىشىپ ئولتۇراق رايونغا كىرىشكە ئۇرۇنغان كىشىلەرنىمۇ سۈرەتكە تارتىلىپ پەرقلەندۈرۈلىدىكەن. ئۇندىن باشقا يېڭى ئورنىتىلغان ئۈسكۈنىلەر كەلگەن كىشىنىڭ دائىملىق ئاھالە ياكى زىيارەتچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىكەن.
مۇخبىر كومپيۇتېر ئېكرانىدا كىشىلەرنىڭ ئولتۇراق رايونىغا كىرگەن-چىققان سۈرەتلىرى، ۋاقتى ۋە ھەر خىل سانلىق مەلۇمات گىرافىكلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. بۇ سىستېما زىيارەتچىلەرنىڭ خىتاي، ئۇيغۇر، تۇڭگان ياكى باشقا مىللەت ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلەيدىكەن، شۇنداقلا رايون تەۋەلىكىگە ئاساسەنمۇ تۈرگە ئايرىپ بېرەلەيدىكەن.
خىزمەتچى خادىم مۇخبىرغا يەنە بارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ شۇ يەردىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش قوماندانلىق مەركىزىگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئولتۇراق رايونىغا جىنايەتچى ياكى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدىغان ئادەم كەلگەن ھامان سىستېمىنىڭ ج خ ئورۇنلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغانلىقىنى، بۇ سىستېمىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن لايىھەلەنگەن ۋە تەڭشەلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان

بۇ خەۋەر 959 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2020 16:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق