نۇزۇگۇم جەمئىيىتى رامىزان ئېيىدا ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى

نۇزۇگۇم جەمئىيىتى رامىزان ئېيىدا ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى چىڭ تۇتتى
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى 5-ماي خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك سىرتقا چىقالمىغان يېتىم بالىلارغا نەق پۇل ياردىمى تارقىتىپ بەردى.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆيدە ھاياتلىق بار» چاقىرىقىغا ئاساسەن سىرتقا چىقالمىغان ئائىلىلەرگە ۋە جەمئىيەت كېپىل بولۇپ كەلگەن يېتىملارغا يېمەكلىك ۋە نەق پۇل تارقىتىپ بەردى.
نۇزۇگۇم جەمئىيىتى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان خەلقئارا تىرىك يۈرەك جەمئىيىتىنىڭ ( Uluslararası the living heart ) تۈركىيە شۆبىسى ھاۋالە قىلغان 30 يېشىك يېمەكلىكنى ئېھتىياجلىق ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەردى. شۇنداقلا ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدىكى 84 بالىغا ھەر ئايلىق تارقىتىپ كېلىۋاتقان ئايلىق ياردەم پۇلى تارقاتتى. ئۇندىن باشقا قىيىنچىلىقى بار بەش ئائىلىگە 1000 لىرا قىممىتىدىكى مال سېتىۋېلىش كارتىسى تارقىتىپ بەردى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ ئىش باشلىغاندىن بېرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي رايونلىرىدا تۇرۇشلۇق يېتىم بالىلارغا كېپىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى تەشكىللىگەندىن سىرت، ھەر ئايدا قەرەللىك نەق پۇل ۋە يېمەكلىكلەرنى تارقىتىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1917 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2020 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق