قەشقەرنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى خىتاينىڭ جىنايىتىنى دەلىللىدى

قەشقەرنىڭ يېڭى كۆرۈنۈشلىرى خىتاينىڭ جىنايىتىنى دەلىللىدى
خىتاي ساياھەتىچىلەر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سىنلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىرغىنچىلىقىنى قايتا نامايان قىلدى.
بۇ سىندا كۆرسىتىلگىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋىرۇسنى يەڭگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تۈنجى كۆرۈنۈشلەر بولۇپ، سىندا قەشقەر شەھىرىنىڭ كوچىلىرى كۆرسىتىلگەن. ئەسلىدىكى ئاۋات كوچىلاردا ئادەم قاتتىق ئازلاپ كەتكەن.
سىندا يەنە،خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىككى يىل ئىلگىرى قوزغىغان مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىدىن ئېشىپ قالغان مەسچىتنىڭ قاۋاقخانىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
سىندا يەنە، شەرقىي تۈركسىتان خەلقى زور كۆلەمدە تۈرمە ۋە لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنىپ بىكار قالغان دۇكانلارغا ئۇيغۇر كىيىمى كىيگەن خىتايلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، ھەتتا ساياھەت ئورۇنلىرىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرچە كىيىنىپ مۇلازىمەتچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، كوچىلاردىمۇ ئۇيغۇرچە ياسىنىۋالغان خىتايلارنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر سىن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنىڭ روشەن بىر پاكىتى بولۇپ، رايوننىڭ ئەسلى ئىگىلىرىنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن تۇرمە ۋە لاگېرلارغا سولاپ ئادەمسىز كوچىلار، چۆلدەرەپ قالغان مەھەللىلەرگە خىتابلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.
مەزكۇر سىن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قەشقەرنىڭ قايناق كوچىلىرىنى تارىخقا ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقىنىڭ ئاچچىق رېئاللىقنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

https://www.facebook.com/100010729366210/videos/pcb.1121745794859722/1121744764859825/?type=3&theater
بۇ خەۋەر 1190 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2020 22:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق