غۇلجا- ئاقسۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقتى

غۇلجا- ئاقسۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىقتى
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى لاگېر تۈرمىلەرگە زور تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىپ، جەمئىيەتتە قالغانلارنى ئاتالمىش[ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ]نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە جىددى سۈرگۈن قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، شەرقىي تۈركسىتاندا كۈچەپ يول قۇرۇلۇشى قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. خىتاي يەنە غۇلجا بىلەن ئاقسۇنى تۆمۈر يول بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.
تەڭرىتاغ تورنىڭ 4- ماي بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا بىلەن ئاقسۇنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول لاھىيەسىنىڭ دەسلەپكى خىزمىتىنى باشلىغان.
خەۋەردە 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، خىتاي تۆمۈر يولى 1-چارلاش، لايىھەلەش يۇرتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى خادىملىرى باي ناھىيە دائىرلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، يېڭىدىن ياسالماقچى بولغان غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈر يولى بۆلىكى لىنىيەسىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق چارلاش، تەكشۈرۈش لايىھەسى خىزمىتى ئۈستىدە مۇزاكىرەلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، يېڭىدىن ياسالماقچى بولغان غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈر يولى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە بولۇپ، بۇ لىنىيە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى جىڭ-قورغاس تۆمۈر يولى بۆلۈكەي ۋوگزالىنىڭ جىڭ بۆلىكىدىن باشلىنىپ، جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرىلەپ، قاش ۋە ئىلى دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇيسۇن تېغىغا كىرىدىكەن. 19.9 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تونېل ئارقىلىق ئۇيسۇن تېغى، 4- ۋە 73- دېۋىزىيە ۋە تېكەس ناھىيەسىدىن ئۆتىدىكەن. تېكەس دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كۆكسۇ دەرياسىنى بويلاپ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا كىرىدىكەن. 21.8 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تونېل بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا كىرىپ، باي ناھىيەسىگە تۇتىشىدىغان تۆمۈر يولى يانتاققۇدۇق ۋوگزالىغا تۇتىشىدىكەن. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 346.88 كىلومېتىر بولۇپ، غۇلجا ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، تېكەس ناھىيەسى، باي ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى قاتارلىقلارنى بېسىپ ئۆتىدىكەن.
مەلۇم بولىشىچە، بۇ لىنىيە شەرقىي تۈركسىتاندىكى ھالقىسىمان تۆمۈر يولى تورىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىي قىسمى بولۇپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول » سۇدا پىلانىنىڭ شىمالىي يولى بىلەن جەنۇبىي يولىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن ئىكەن.
نۆۋەتتە، غۇلجىدىن ئاقسۇغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى 1600 كىلومېتىر مۇساپىنى باسىدىغان بولۇپ، غۇلجا-ئاقسۇ تۆمۈر يولى ياسالسا 600 كىلومېتىر مۇساپىنى باسسىلا ئاقسۇندىن غۇلجىغا بارغىلى بولىدىغان بولۇپ، ھازىرقى مۇساپىدىن 1000 كىلومېتىر قىسقىرايدىكەن.

بۇ خەۋەر 1146 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2020 21:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق