نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: دىليار بارات

دىليار بارات

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەن فېيسبۇكتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردىن باكلاۋۇرلۇق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانلارنى ئېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ خەۋىرىنى پات-پات كۆرۈپ تۇردۇم. شۇنداقلا ئوخشىمىغان داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ باكلاۋۇرلۇق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانىنىڭ ئوقۇشىغا كىرگەنلەرنىڭ خەۋەرلىرىنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېڭى ئوقۇشقا ئەلا نەتىجە ۋە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن كىرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن: ئامېرىكىدىكى گۈلەنئاي تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن بالدۇر قوبۇل قىلىش پىروگراممىسى ئارقىلىق دۇنياغا داڭلىق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىردى. توكيودىكى بۇغرا تىلىۋالدى (دوكتور دىلمۇرات تىلىۋالدى ۋە گۈلنارنىڭ ئوغلى) ياپونىيەدىكى خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق مەكتەپ ۋاسېدا ئۇنىۋېرسىتېتىغا (早稲田大学) تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن قوبۇل قىلىندى. ئاۋسترالىيەدىكى دىليار بارات تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىدى. مەن مەزكۇر يازمىدا ئاشۇ دىليار باراتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

ئاۋسترالىيەدىكى تالانتلىق دوكتورانت دىليار بارات

 

 دىليار بارات 1992-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، بارات ئوسمان بىلەن مەھفۇزە ئابدۇرېھىمنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. ئۇنىڭ بەختىيار بارات ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار. دىليارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 2007-يىلىنىڭ بېشىدا ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي شەھىرىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن. ئۇ چاغدا دىليار ئۈرۈمچى 1-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئەمدى ئوقۇشقا كىرگەن ئىدى. سىدنېيغا كەلگەندىن كېيىن دىليار سىدنېينىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونىغا جايلاشقان تۈركلەرنىڭ شەخسىي مەكتىپى سۇلە مەكتىپىگە (Sule College) كىرىپ ئوقۇدى. 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ئىككى يېرىم يىل قاتتىق تىرىشىپ ئوقۇپ، 100 نومۇرلۇق سىستېمىدىكى مەكتەپنى 95 نومۇر بىلەن پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ئومۇمىي ئوقۇش نەتىجىسى بويىچە ئىككىنچىلىككە، ماتېماتىكىدا بولسا بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

دىليار ئاشۇنداق ئەلا نەتىجىلەر بىلەن 2012-يىلى سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ (University of Sydney) ماتېماتىكا ۋە لاتىن ئامېرىكا تەتقىقاتى كەسىپلىرىگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىغا كىردى. مەزكۇر ئوقۇش جەريانىدا دىليار فىزىكا، ئاسترونومىيە، ئىسپان تىلى ۋە فىرانسۇز تىلى قاتارلىق كۆپلىگەن كەسپىي دەرسلەرنى ئۆگەندى. 2012-يىلى دىليار سىدنېي ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسترونومىيە جەمئىيىتىدىكى باشقا ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ۋېنېرانىڭ قۇياشنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشى تۈپەيلىدىن قۇياشنىڭ تۇتۇلۇشىدەك بىر ھادىسىنى كۆزەتتى. ئاشۇ ھادىسىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن دىليار كەسپىنى ئىجتىمائىي پەندىن ئاسترونومىيە كەسپىگە ئۆزگەرتتى. ئوقۇشنىڭ 3- ۋە 4-يىللىرىنىڭ يازلىق تەتىللىرىدە دىليار مەكتەپنىڭ ئىلمىي تەتقىقات مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. ئۇ ئاشۇ مۇكاپات پۇلى بىلەن سىدنېي ئاسترونومىيە ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا ئاسترونومىيەگە ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئوپتىكىلىق ئەسۋاب ئۈستىدە 10 ھەپتە ئىلمىي تەتقىقات يۈرگۈزدى.

دىليار باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن 2015-يىلى ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسترونومىيە-فىزىكا كەسپىنىڭ «شەرەپلىك باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشى» (Bachelor of Science, Honours)غا كىردى. ئاسترونومىيە ۋە ئاستروفىزىكا فاكۇلتېتى مۇدىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا دىليار ئىنگلىزچە «Australian Research Council Centre of Excellence for All-Sky Astrophysics (CAASTRO)» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جەمئىيەتنىڭ بىر ئوقۇغۇچى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇلتۇزلار سىستېمىسىغا ئائىت بەزى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ باردى.

 دىليار 2015-يىلى 2-باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنىمۇ 1-دەرىجىلىك شەرەپ بىلەن تاماملاپ، تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاستروفىزىكا كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرمۇ ئاشۇ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۇلتۇزلار سىستېمىسى كىنېماتىكىسى (ھەرىكىتى)غا ئائىت ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. دىليار ھازىر كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپقان بىر ئىلمىي تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە خابۇل (Hubble) ئالەم تېلېسكوپى ئارقىلىق ئېرىشكەن كائىناتنىڭ كېڭىيىشى ۋە كائىناتتىكى ماددىلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا ئائىت ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

دىليار بارات ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى دۇنيا سەھنىسىدە ئەڭ ئاكتىپ رول ئېلىپ، ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا كېتىۋاتقان ئۇيغۇر يېڭى ئەۋلادلىرىنىڭ بىر ۋەكىلى بولۇپ، مەن ئۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن ھەمدە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تىلەيمەن.

 

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى

مەنبە:

http://www.meripet.com/2016/20160415_chetel_uyghur25.htm?fbclid=IwAR2b4ielGjtfzH2L_hBqbzFGcmJQpATO_WDF0pKyHrlJaPcaM7mkrxMhTdE

بۇ خەۋەر 9639 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2020 19:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق