پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى

پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلمىدى
ئۆز خەۋىرىمىز: پاكىستاندىن ئېرىشكەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ياردەم ئارقىلىق ئالداش ھىيلىسى ئەمەلگە ئاشمىغان.
پاكىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى 1-ماي پاكىستاندا ئاچ قالغان 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسىگە بەش ئايلىق ياردەم تارقاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقان. ئەمما تارقىتىلغىنىنىڭ پەقەت ئىككى كىلو ئۇن، يېرىم كىلوگىرام شېكەر، بىر كىلوگىرام گۈرۈچ ۋە يېرىم كىلوگىرام ياغ ئىكەنلىكى، يەنە كېلىپ سۈپىتى ئەڭ ناچار، يەم-خەشەك قاتارىدىكى يېمەكلىكلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.

پاكىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى رەئىسى ئۆمەرخان زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىشلەيدىغان پاشاخان، ئابدۇرېھىم، ئەزىمجان، ناسىرخان، ئابدۇلقەييۇم مىجىت قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئون كۈن ئىلگىرى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى يىغىپ يىغىن ئاچقانلىقىنى، يىغىندا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا بەش ئايلىق ياردەم تارقىتىدىغانلىقى، شۇڭا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ سانىنى ئېنىقلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، 400 دەك ئۇيغۇرنى تىزىملىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تارقىتىلغان يېمەكلىكلەر بىر ئائىلىنىڭ بىر ھەپتىمۇ يەتمەيدىغان بولسىمۇ، خىتايغا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا بەش ئايلىق ياردەم تارقاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. ياردەم بۇيۇملىرى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىگىچە يەتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ياردىمىنى ئېلىشنى رەت قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ساختا ياردىمى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ يالغانچى، ساختىپەز يۈزىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاپ قويغان. 

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقفى بۇندىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى 70كە يېقىن ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ھەر بىرىگە 30 كىلوگىرام ئۇن، بەش كىلوگىرام گۈرۈچ، بەش كىلوگىرام ياغ قاتارلىق ياردەم بۇيۇمى تارقىتىپ بەرگەن.


تەمىنلەنگەن سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايلار يەنە پاكىستاننىڭ گېلگىت، راۋالپىندى قاتارلىق رايونلىرىدا پاكىستان خەلقىنى ئالداش، تەشۋىقات ئۈچۈن پايدىلىنىش مەقسىتىدە يەرلىك خەلقنىڭ ھەر بىرىگە بىر ئوچۇمدىن گۈرۈچ، بىر تالدىن ماسكا تارقىتىپ بەرگەن.

 

 

 

بۇ خەۋەر 3221 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2020 15:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق