خىتاي ئوقۇغۇچى دائىرىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلىدى

خىتاي ئوقۇغۇچى دائىرىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلىدى
زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىتاي ئوقۇغۇچى دائىرىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان سىياسىتىنى ئاشكارىلىغان.
ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزكۇر خىتاي ئوقۇغۇچى زىمىستان تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەكتەپنىڭ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى يىغىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى، ۋەتەننى سۆيىدىغانلىقىنى ۋە ۋەتىنىگە سادىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپ قەسەم قىلىشقا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نى بايقۇت قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم يېزىسىدا ئىشلەيدىغان بىر خىتاي ئوقۇتقۇچى مۇخبىرغا مەكتەپنىڭ بارلىق ئوقۇتقۇچىلاردىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نى بايقۇت قىلىدىغان دوكلات يېزىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دائىرىلەرگە ھەمكارلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە قەرەللىك تۇرۇپ، ئۇلارنى نازارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بەزى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار خىتاينىڭ زىيانكەشلىك سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىپ بېرىشىچە، مەكتەپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن يانفونىغا «تور قوغدىغۇچى» (净网卫士) ناملىق ئەپ دېتالىنى قاچىلاشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇنى خالىغانچە ئۆچۈرەلمەيدىكەن. ساقچىلار بۇ ئەپ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يانفونىنى نازارەت قىلىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار يەنە «زامانىۋى مەدەنىيەتلىك تۇرمۇش»نى تەشەببۇس قىلىش، ئاڭلىق ھالدا «دىنىي سىڭىپ كىرىش»كە قارشى تۇرۇش، ھەر قانداق شەكىلدىكى دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق، دىنىي كىيىملەرنى كىيمەسلىك ياكى دىنىي بەلگىلەرنى تاقىماسلىق ھەققىدە قەسەم قىلىشقا، ئەگەر خىلاپلىق قىلسا قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشقا ۋە مەكتەپنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانغان.

بۇ خەۋەر 1659 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2020 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق