مىللىي مۇستەقىللىق دەۋايىمىزدىكى قىزىل سىزىقىمىزدۇر

مىللىي مۇستەقىللىق دەۋايىمىز قىزىل سىزىقىمىزدۇر

ھەرقانداق شەخس ياكى تەشكىلات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۇنى بىلىپ قويسۇنكى، بىزنىڭ مۇجادىلىمىز شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈندۇر. ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى كۈرىشىمىز بولسا مەنزىلگە يېتىش يولىدىكى ۋاسىتىلەردىن پەقەتلا بىرىدۇر.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسمى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى، بايرىقى، مىللىي كىملىكى، مۇسۇلمانلىقى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى بولسا ئىنتايىن سەزگۈر، چېقىلغىلى ۋە تالاش-تارتىش قىلغىلى بولمايدىغان، قەتئىي ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان قىزىل سىزىقلىرىمىزدۇر. ھەقىقىي مىللىي دەۋا قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىردەك ۋە ئومۇمىي خەلقىمىز خىتاي دۆلىتىنى ھەمدە زېمىنىمىزغا يەرلەشتۈرۈلگەن كەلگۈندى خىتاي خەلقىنى «ئىشغالچى كۈچ» دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق شەخس، گۇرۇھ ۋە تەشكىلات يۇقىرىدا بايان قىلىنغان قىممەت قاراشلىرىمىزغا چېقىلىش ۋە ئوينىشىشقا ئۇرۇنمىسۇن! مىللىي سەزگۈر نۇقتىلىرىمىز بىلەن ھەپىلەشكەن ھەرقانداق كىشى ياكى تەشكىلات خەلقىمىزنىڭ چەكسىز غەزەپ-نەپرىتىگە، يەر بىلەن يەكسان بولۇشقا مەھكۇم بولغۇسىدۇر.

ھۆرمەت بىلەن: ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان

خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1114 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2020 18:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق