خىتاي ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن زور تۈركۈمدە جاسۇس ئورۇنلاشتۇرغان

خىتاي ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن زور تۈركۈمدە جاسۇس ئورۇنلاشتۇرغان

زىمىستان تورىنىڭ 29-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تۆت يېرىم مىليون ئالاھىدە خادىمنى ئاتالمىش «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان پۇقرالارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
ۋۇخەندە ۋىرۇس يۇقۇمى ئەۋج ئالغان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى تۆت مىليون 500 مىڭ ئالاھىدە خادىمنى كوچا-كويلاردا ۋە رايون-مەھەللىلەردە كۆزەتكۈچىلىككە سالغان. ئۇلار ساقچى ياكى مەمۇر بولمىسىمۇ، بارلىق ئاھالىلەرنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ كىرىپ-چىقىشىنى چەكلەش ھوقۇقى بار بولۇپ، بۇلارنى ھەر ۋاقىت ئىجرا قىلالايدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار ئادەتتە «تورلاشقان ئەزالار» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ ھەممە يېرىنى قاپىلىغان.
خىتاينىڭ شېنجېندىلا 21 مىڭ تورلاشقان نازارەتچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەھەللە باشقارمىسى ئۇلارنى مەشىققە ئۇيۇشتۇرغاندا گۇرۇپپا مەسئۇلىنىڭ ئۇنىڭغا: «ئۇيغۇرلار تېررورچى، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ قوزغىلىپ توپىلاڭ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا بىز ھەر ئۈچ كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرالغۇسىغا بېرىش، ئۇلارنى تىزىملاش، سۈرەتكە تارتىش ۋە ئۇلارغا دائىم پاراكەندىچىلىك سېلىشنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، تورلاشقان نازارەتچىلەر ئائىلىلەرنى چوقۇم دائىم زىيارەت قىلىشى، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەر ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر توپلىشى ۋە ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان بىرلىككە كەلگەن سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سۇپىسىغا ئەۋەتىشى كېرەك ئىكەن. كىملىك ئۇچۇر توپلاشتا ئائىلىنىڭ ياكى شەخسنىڭ ماشىنا ۋە ئۆي ئەھۋالى، خىزمەت ئورنى، ئېتىقاد ئەھۋالى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كىرىش-چىقىش ئەھۋالى، ھەتتا روھىي ھالىتى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدىكەن.
تورلاشقان نازارەتچى ئەزالار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سىياسەتلىرىنى ئاھالىلەرگە تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار، دىنىي زاتلار، ئۆكتىچىلەر ۋە تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1364 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2020 17:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق