قورچاق ئەمەلدار: ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت قىيىنچىلىقى يوق

قورچاق ئەمەلدار: ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت قىيىنچىلىقى يوق
Ecns تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى يالقۇن ياقۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت قىيىنچىلىقنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت يېڭىلاش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرى بايان قىلىنغان بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ،
دوكلاتتا پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا پاسپورتىنى يېڭىلاش ھەققىدە ئىلتىماس سۇنغانلىقى، بىراق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇلارنى خىتايغا قايتىپ يەڭگۈشلەشكە مەجبۇرلاپ، خىتايدىن باشقا يەرگە بارغىلى بولمايدىغان ۋاقىتلىق «ساياھەت كىنىشكىسى» بەرگەنلىكى تەپسىلىي ئېچىپ بېرىلگەن.
يالقۇن ياقۇپ تۈنۈگۈن مەزكۇر دوكلات ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ پۈتۈنلەي تۆھمەت، بىزنىڭ پاسپورت باشقۇرۇش نىزامىمىزغا قارا چاپلىغانلىق. جىنايى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمىغان ھەرقانداق خىتاي پۇقراسى ھەرقانداق بىر ئەلچىخانا ياكى كونسۇلخانىدا خالىغانچە پاسپورت يېڭىلىسا بولىدۇ. تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن ئالاقىسى بولغان قىسمەن كىشىلەردىن باشقىلارغا ھېچقانداق چەكلىمە يوق، ئۇيغۇرلاردا پاسپورت قىيىنچىلىقى يوق» دەپ بىلجىرلىغان.
پاسپورتىنى يېڭىلىيالماسلىق سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كېتىپ، ئىز-دېرىكى بولمىغان ياكى ئون نەچچە يىل كېسىلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاشكارىلانغان بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە خىتاي قورچاق ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلىشى خىتاينىڭ ساختىپەزلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەرگەن.

بۇ خەۋەر 1474 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2020 17:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق