بۈگۈن ئوسمان باتۇرنىڭ شېھىد قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىلى

بۈگۈن ئوسمان باتۇرنىڭ شېھىد قىلىنغانلىقىنىڭ 69 يىلى

بۈگۈن (29-ئاپرېل) خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ھاياتىنى بېغىشلىغان قەھرىمانلىرىمىزدىن بىرى بولغان ئوسمان باتۇرنىڭ شېھىتلىكىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنى.

شەرقي تۈركىستان خەلقى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بېسىپ كىرگەندىن تارتىپ قىلچە تىز پۈكمەي، باش ئەگمەي، مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا مىڭلىغان، يۈز مىڭلىغان شېھىتلەر قۇربانلىق بەردى. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئوسمان باتۇردۇر.

ئوسمان باتۇر 1940-يىلىدىن تارتىپ قولىغا قورال ئېلىپ، تاكى 1951-يىلى خىتاي تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغانغا قەدەر شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق خەلقىگە باشچىلىق قىلىپ، قىلچە باش ئەگمەستىن، كۈرىشىنى توختاتمىدى.

ئوسمان باتۇر ئۆز شاھادىتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى، تىز پۈكمەس روھىنى نامايان قىلدى. بىز بۇ خاتىرە كۈنىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ قەھرىمانىنى ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەيمىز.

بۇ خەۋەر 1638 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2020 19:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق