لوپنۇر بىلەن چەرچەننى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول پۈتۈش ئالدىدا

لوپنۇر بىلەن چەرچەننى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول پۈتۈش ئالدىدا
تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي لوپنۇر بىلەن چەرچەننى تۇتاشتۇرىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈشنى تېزلەتكەن.
خەۋەردە خىتاينىڭ يەنە «ئۈچىنچى قۇملۇق تاشيولى» دەپ ئاتىۋالغان لوپنۇرنى چەرچەنگىچە تۇتاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان (k135 بۆلىكى) تاشيول قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرۈشنى تېزلەتكەنلىكى، مەزكۇر تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي لىنىيەدىكى %75ىنىڭ تاماملانغانلىقى، بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۈتۈن لىنىيەنى ئۇلاش خىزمىتىنى تاماملاش پىلانلانغانلىقى، 2021-يىلىدىن بۇرۇن مەزكۇر قۇملۇق تاشيولىنى پۈتكۈزۈپ چىقماقچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، قۇملۇق تاشيولىدا 2017-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، باشلىنىش نۇقتىسى كورلىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى چەرچەن ناھىيەسى ئىكەن. يولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 330 كىلومېتىر بولۇپ، مەزكۇر تاشيول پۈتسە، چەرچەندىن كورلىغىچە بولغان ئومۇمىي مۇساپە 280 كىلومېتىر قىسقىرايدىكەن.
خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى تاشيول قۇرۇلۇشىنى ئادەتتىن تاشقىرى كۆپەيتىشى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

بۇ خەۋەر 1195 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2020 18:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق