خىتاي تاشقورغان ناھىيەسىدە مۇھىم قۇرۇلۇش باشلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 26-ئاپرېل قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پامىر ئېگىزلىكىگە جايلاشقان تاشقورغان ناھىيەسىدە يېڭى ئايرودۇرۇم رەسمىي قۇرۇلۇش باشلىغان بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ئايرودۇرۇم بولۇپ قالىدىكەن.

پاكىستان، ئافغانىستان ۋە تاجىكىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدىغان تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3253 مېتىر بولۇپ، بۇ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىغا بىر مىليارد 630 مىليون سوم مەبلەغ سېلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ئايرودۇرۇم 2022-يىلى 6-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، يىلىغا 160 مىڭ يولۇچى، 400 توننا يۈك توشۇيالايدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

خەۋەردە يېڭى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ تاشقورغان ناھىيەسىدىكى خەلق ئاممىسىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئەمما پاكىستان تاراتقۇلىرىدا مەزكۇر ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىنىڭ خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى ۋە خىتاينىڭ بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بىر پىلان تۈرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1292 قېتىم كۆرۈلدى
29/04/2020 12:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق