بەخت

بەخت

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي

 

تاشكەنتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پۇشكىن نامىدىكى خەلق ئىستىراھەت بېغىغا كىرىشىمگە بىرى كاپپىدە بىلىكىمدىن تۇتۇۋالدى. بۇ قايسى تونۇشۇمدۇ، دەپ ئىللىق قارىسام، يوچۇنلا بىر ئايال ئىكەن. ئۇچىسىغا گىرىپ رەختتىن چاپان، قاتلام-قاتلام كەڭ كۆينەك كىيىپ، بېشىغا كۈننىڭ ئىسسىقىغا قارىماي قىپقىزىل نېلۇپەر گۈلى چۈشۈرۈلگەن قارامتۇل شارپا ئارتىۋاپتۇ. ئىككى بىلىكىدە ئۈچتىن ئالتە تاش بىلەيزۈك، قۇلىقىدىكى كۈمۈش ھالقىسىنىڭ ئۇچى مۈرىسىگە چۈشۈپ، جالدىر-جۇلدۇر قىلىدۇ. قاپقارا كۆزلىرى يېقىملىق بولسىمۇ، جادۇ سېھرى بىلەن پال-پال يېنىپ، ئادەمگە قانداقتۇر بىر ھەۋەس كەيپى بىلەن بىللە دەھشەت ئوتىنى چاچىدۇ.

- قورقۇپ كەتتىڭىزمۇ، ياش يىگىت؟ قورقماڭ. «ئادەم بالىسى ھاياجانلانغاندا ئالىقان تومۇرلىرىدىن بەخت يوللىرى يورۇيدۇ» دەيدۇ بىزنىڭ رەمباللار. ئالىقىنىڭىزنى ئېچىڭ. بەخت-تەلىيىڭىزنى ئېيتىپ بېرەي دېۋىدىم،- دەپ، ئىختىيارىمغا قارىمايلا ئوڭ قولۇمنىڭ ئالىقىنىنى ئاچتى. ئۇ تولىمۇ بەقۇۋۋەت بىر سىگان چوكىنى ئىدى. غىدىڭ-پىدىڭ قىلغۇزماي سۆزلەپلا كەتتى.

ئۈستۈمدە يېڭى يۇيۇپ، قاتۇرۇلۇپ دەزماللانغان ئاق كاستۇم، پۇتۇمدا يازلىق ئاق توپلەي، بېشىمدا سۆلەتلىك ئاق چىغ شىلەپە، قولتۇقۇمدا «زاكون سومكىسى» بار ئىدى.

بەخت-تەلىيىڭىز پۈتۈن قان تومۇرلىرىڭىزنى بويلاپ يۈگۈرۈپ يۈرۈيدۇ، ياش يىگىت!- دەپ كۆزۈمگە مەستانىلىك بىلەن تىكىلدى سىگان چوكىنى جاۋۇلداپ،- بىر ئوغۇل، بىر قىزىڭىز بار ئىكەن. ئۇلار سىزدىنمۇ بەختلىك بولىدىكەن. خوتۇندىن تەلىيىڭىز بولسا كېرەك، چېچىڭىزغا تېخى بىر تالمۇ ئاق كىرمەپتۇ. پۇلنى دوست تۇتىدىغان ئەپتىڭىز يوق، ياشاڭ! ماشىنا ئالىمەن دەپ يۈرۈپسىز. قورقماڭ، ئۇنى پات- يېقىندا ئالىسىز. بۇنىڭدىن باشقا سىزگە قانداق بەخت كېرەك؟ تاپتىممۇ، توغرا ئېيتتىممۇ، ياش يىگىت؟

- ياق، تاپالمىدىڭىز ھەم توغرا ئېيتمىدىڭىز!- «ئەجرى» ئۈچۈن قولىغا بىر سوم تۇتقۇزۇپ، رەھمەت ئېيتقاچ، تەنە، تەئەددى ئارىلاش،- چۈنكى مەن سىز دېگەننىڭ تامامەن ئەكسىدىكى بىر ئادەممەن،- دېدىم.

- ئىشەنمەيمەن. شۇ تۇرقىڭىز بىلەن سىزنى بەختسىز دېسە...

- دېمەك، سىز ئالىقىنىمغا ئەمەس، تۇرقۇمغا قاراپ دەپسىز-دە بۇ «بەخت-تەلىيىمنى»؟

- ئەمدىچۇ، بەخت دېگەن مۇشۇ سىزدەك تەلتۆكۈس كىشىلەردە بولىدىغۇ ئاخىر؟

- ياق!- دېدىم مەن ئەمدى ئۇنىڭغا بەختنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ،- ئەگەر بەخت سىز دېگەندەك ئادەمنىڭ تۇرقىدا بولسا، ئۇ چاغدا مەندە ئۇنىڭ زەررىسىمۇ يوق. چۈنكى سىز كۆرۈپ تۇرغان ماۋۇ بېشىمدىكى شىلەپە ئۇكرائىنانىڭ، ئۇچامدىكى كاستۇم چېخنىڭ، پۇتۇمدىكى توپلەي ئەرمەنلەرنىڭ، ماۋۇ مەن دەسسەپ تۇرغان قۇتلۇق زېمىن بولسا ئۆزبېكنىڭ. دېمەك...

- دېمەك، ئۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىز زادى كىم بولىسىز؟

- ھە، مەن ۋەتەنسىز، بىتەلەي ئۇيغۇر بولىمەن!- دېدىم ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش تەرەددۇتىنى قىلىۋېتىپ،- مانا شۇ يوقاتقان بەخت-تەلىيىمنى ئىزدەپ، شەھەرمۇ شەھەر، يۇرتمۇ يۇرت تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرىمەن. ئەي، بەخت ئېيتىپ بەرگۈچى ئايال! ئەگەر سەن راست بەخت تاپقۇچى بولساڭ، مەن ئۇنى ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن كېلىپ ئالىقىنىمنى ئاچ. چۈنكى بەختنى يات كىشى ئېيتىپ بەرمەيدۇ، ئۇنى ھەر بىر كىشى ئۆزى ئىزدەپ تاپىدۇ.

 

 مۇئەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى (داۋامى)

 

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي چۆچەككە كەلگەندىن كېيىن جىددىي تەييارلىق قىلىپ، 1943-يىلى تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن مەخپىي ھالدا «قوزغىلىش» ناملىق بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۇ بۇ ۋاقىتتا 23 ياشقا كىرگەن ئىدى. يىل ئاخىرىدا تەشكىلات ئەزالىرى تەرەققىي قىلىپ 150 كىشىگە يېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا چۆچەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا بىر يىغىن ئېچىلىدۇ. بۇ يىغىنغا مۇئەللىم باھاۋىدىن نۇرى (باھاۋىدىن نۇرى چۆچەككە شېڭ شىسەي (1897-1970) تەرىپىدىن 1942-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان. مۇشۇ سۈرگۈندە شېڭ شىسەي 1939-يىلىدىن باشلاپ، خوجىنىياز ھاجىم (1889-1938)نىڭ ئايالى، مەخمۇت مۇھىتى (1887- 1945)نىڭ بالا-چاقىلىرى، ئەسئەت ئىسھاقوفنىڭ ئىنىسى مەرغۇپ ئىسھاقوف ۋە ئائىلىسى، ئۇيغۇر سايرانىينىڭ ئائىلىسى... قاتارلىق نۇرغۇن ئائىلىلەرنى سۈرگۈن قىلغان)، ئارتىست ئابدۇرېھىم روزى ھاجى، مېتېئورولوگ ئەھمەت راھىدى، مىللەتچى خىتاي (گومىنداڭ) ئەسكەرلىرىنىڭ مال دوختۇرى يۈسۈپجان ھوشۇرىيلار قاتناشقان ئىدى. يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بۇ يىغىندا ئاساسىي مەقسەت ۋە غايىسىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «قېرىنداشلار بۈگۈن خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلمى چېكىدىن ئاشتى. خەلقىمىزنىڭ سەۋر-تاقىتى تۈگىدى. ۋاقىت پەقەت بىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىنى كۈتۈۋاتىدۇ. مەن ۋاقىتنىڭ بۇ تەلىپىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ يەردە خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ «قوزغىلىش» ئىسىملىك تەشكىلاتىنى قۇرغانلىقىمنى ئېلان قىلىمەن».

ئۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولۇپ، 1960-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى قازاقىستانغا كۆچۈپ كېتىدۇ. يۈسۈپبەگ مۇخلىسى قازاقىستانغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ.

 يۈسۈپبەگ مۇخلىسى 1963-يىلى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئاناتومىيەسى «ئەسىرلەر ساداسى» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلدۇرىدۇ. كېيىن «نەسرىدىن ئەپەندىم قەشقەردە» (مۇزىكىلىق كومېدىيە 1966-يىلى)، «قەشقەر دەپتىرى» (ھېكايىلەر توپلىمى 1976-يىلى)، «يۈسۈپ بالاساغۇنىي» (دىراما 1977-يىلى)، «سادىر پالۋان» (پوۋېست، كېيىن رومانغا ئايلاندۇرۇلۇپ قايتا نەشر قىلىنغان)، «شەرقىي تۈركىستان مۆجىزە گۈلىستان» (تارىخىي ئەسەر 1975-يىلى يېزىلغان، 2004-يىلى نەشر قىلدۇرغان) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپىدۇر.

يازغۇچى مۇختەرجان جۇماروف يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي ھەققىدە توختىلىپ شۇنداق دەيدۇ: « «مەن يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىنىڭ تەھرىراتى قاتارلىق بىرقانچە قېتىملىق يىغىنلاردا ئۇچراشقىنىمنى دېمىسەم، يېقىن تونۇشلۇقۇم يوق، ئۇنى پەقەت يازغان ئەسەرلىرىدىنلا تونۇيتتىم. ئۇنىڭ بىلەن 1990-يىللاردا لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا بىرگە بولۇپ قالدىم. يىغىن جەريانىدا مەن ۋە يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي قاتارلىق بىرقانچىمىز پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىدۇق. بىر كىشى ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن قەشقەردىن مەلۇم بىر كىشى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخپىي ھالدا بىر دانە قەشقەر دوپپىسىنى سوۋغا قىلىپ ئەۋەتكەن ئىكەن. ئۇ كىشى ئەھۋالنى ئېيتىپ، دوپپىنى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىيغا ھۆرمەت بىلەن تەقدىم قىلدى. ئۇ بۇ ۋاقىتتا ھاياجاندىن تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن دوپپىنى ئاۋايلاپ تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئەزىز ۋەتىنىمىزنىڭ ھىدىنى پۇراش ئۈچۈن بۇرنىغا تۇتتى. كېيىن ئۇ: «بۇ دوپپىغا قايسى سىڭلىم كەشتە باسقاندۇ، ھاياتىمدا بۇنىڭدىن ئارتۇق تارتۇق بولماس» دېگىنىچە يىغلاپ كەتتى. راستىمنى ئېيتسام، مەن مۇشۇ ۋاقىتقىچە ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ياش تۆككەن ئادەمنى مۇنداق يۈزتۇرانە تۇرۇپ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. بۇ ۋاقىتتا يۈسۈپبەگ مۇخلىسىينىڭ ئەتراپىدا تۇرغان ھەممىمىز ياش تۆكتۇق».

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىينىڭ ئىسمى 1993-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا نەشر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر كىشىلەر» دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن. يۈرىكى ئانا ۋەتىنى، ئۆز خەلقىگە بولغان چەكسىز مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولغان ۋەتەنپەرۋەر، ئوت يۈرەك يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلغان كۈنىدىن باشلاپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئالدىدا: «ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولمىغۇچە، خەلقىم ئازادلىققا ئېرىشمىگۈچە، توي- تۆكۈن ئۆتكۈزمەيمەن، توي-تۆكۈنلەرگە بارمايمەن» دەپ قەسەم قىلغان. ئۇ تاكى ۋاپات بولغۇچە قەسىمىگە ئەمەل قىلغان.

 مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىدا قازاق خەلقىنىڭ ئاتاقلىق شائىرى ئەسەنغالى رائۇشانوف (Esenğali Rauşanov) ئوتتۇرىغا چىقىپ، يۈسۈپبەگ مۇخلىسىينىڭ «ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بولمىغۇچە، خەلقىم ئازادلىققا ئېرىشمىگۈچە، توي-تۆكۈن ئۆتكۈزمەيمەن، توي- تۆكۈنلەرگە بارمايمەن» دېگەن قەسىمىگە ئۆمۈر بويى تولۇق ئەمەل قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى (يەكشەنبە) گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى «مىللى كۆرۈش مەسچىتى»دە سائەت ئوندىن ئىككىگىچە مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىينىڭ روھىغا ئاتاپ مەۋلۇت ئۆتكۈزىدۇ. مەۋلۇت باشلىنىشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن باش كاتىپ پەرھات مۇھەممىدىيلەر يۈسۈپبەگ مۇخلىسىينىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىينى «پۈتۈن ھاياتىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقىغا بېغىشلىغان ھەقىقىي مۇجاھىد» دەپ تەرىپلەيدۇ.

مۇختەرجان جۇماروف يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەزىز ۋەتەن ئوغلانى بىزدىن ئايرىلغىلى ئون يىلدىن ئاشتى، ئەمما شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، مەرھۇم توغرۇلۇق بىرەر ئەسلىمە يېزىلمىدى. بۇنداق بولۇشى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىينىڭ ھاياتىدىن ئەسلەشكە ئەرزىگۈدەك ئەجىر-خىزمەتلىرىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى مۇشۇنداق تارىخىي شەخسلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يەتكۈدەك ۋەتەن ئەۋلادلىرىنىڭ، ۋارىسلىرىمىزنىڭ ئازلىقىدىن، بىپەرۋالىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ ھايات ۋاقتىدا خەلق ئۇنىڭ كىملىكىنى، قىلغان خىزمەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. ئۇ ئىنقىلابچى سۈپىتىدىمۇ، تارىخچى سۈپىتىدىمۇ، يازغۇچى سۈپىتىدىمۇ تونۇلغان ئىدى. ئۇ ئەۋلادلىرىغا قىممەتلىك مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ھاياتى بىزگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولغۇسى» دەپ يازىدۇ.

مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 84 يېشىدا ۋاپات بولغان.

 

(«100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)

 

ئالدىنقى بۆلىكىنىڭ ئادرېسى:

http://istiqlalhaber.com/page/%D9%82%D8%A7%D8%B1%D9%89%D9%83%D8%A7%D9%85/1798

 

 

 

بۇ خەۋەر 9795 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2020 19:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق