خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 23-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى ئەتراپىدا خىتاينىڭ چىڭداۋ شەھىرى خۇاڭداۋ رايونىدىكى تاغ بۆلىكىدە زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن.
24-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت ئالتىدە خىتاي دائىرىلىرى ئوتنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرگەنلىكىنى، ھېچقانداق ئۆلۈش-يارىلىنىش بولمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما شۇ كۈنى چۈشتە تاغلىق رايوننىڭ بىر قىسىم جايلىرى قايتىدىن كۆيۈشكە باشلىغان. خىتاي دائىرىلىرى ئامالسىزلىقتىن 1600 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرگۈچى، تۆت تىك ئۇچار ۋە 110دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ئەۋەتكەن.
ئوت ئاپىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر تارقاقلاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. يوللارمۇ پۈتۈنلەي تاقالغان. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردا ئوتنىڭ ئىككى كۈندىن بېرى توختىماي كۆيۈۋاتقانلىقى، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭمۇ چېكىنىپ چىقىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.