ئۇگاندا ساقچىلىرى خىتايلارنىڭ بىر جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلدى

 ئىقتىسادىي جىنايەت خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇگاندا ساقچى دائىرىلىرى خىتاينىڭ بىر ئالدامچىلىق شايكىسىنى بىتچىت قىلغان بولۇپ، 37 خىتاي قولغا ئېلىنغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىن ئەتراپتىكى يەرلىك پۇقرالار خىتايلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىدىن گۇمان قىلىپ، ساقچىغا مەلۇم قىلغان. ساقچى دائىرىلىرى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ جىنايەت شايكىسىنى قولغا چۈشۈرگەن.

مەزكۇر خىتايلار ئۇگانداغا ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كىرگەن بولۇپ، تېلېفون ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئالدامچىلىق قىلىش، ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ساقچىلار ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىدىن 2000غا يېقىن يانفون بايقىغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئۈندىدار ئەپ دېتالىغا باغلانغانلىقى، بۇ ئارقىلىق ئالدامچىلىق ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ساقچىلار يەنە زور مىقداردىكى يانفون ۋە كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي تاختىسىنى قولغا چۈشۈرگەن. بىلدۈرۈشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېلىنگەن ئىككىنچى قول يانفون ۋە كومپيۇتېرلاردىن ئېلىنغان بولۇپ، ئادەتتە ئوراپ قاچىلىنىپ خىتايغا ئەۋەتىلىدىكەن.

ساقچىلار خىتايلارنىڭ تۇرالغۇسىدىن يەنە بىر قىسىم قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنىمۇ بايقىغان.

نۆۋەتتە خىتايلارنىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى ئوبرازى ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن خىتايدىكى ئافرىقىلىقلارغا قارىتىلغان ئىرقىي كەمسىتىش ھەرىكەتلىرى بۇ ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.

بۇ خەۋەر 13036 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2020 12:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق