ھىندونېزىيەنىڭ ياردەم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى سۇندى

ھىندونېزىيەنىڭ ياردەم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى سۇندى
22-ئاپرېل ھىندونېزىيەنىڭ ئىسلامىي ياردەم تەشكىلاتى ACT جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى شۆبىسى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تارقىتىپ بەردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ شۆبە ئەزالىرى نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىنىپ، نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىن ياردەم ئېلىۋاتقان بالىلارنىڭ ئائىلىسى ۋە ئېھتىياجلىق ئاياللاردىن تەركىب تاپقان 201 ئائىلىنى 130 لىرا قىممىتىدىكى خورما، ھەسەل، سۈت، ياڭاق قاتارلىق يېمەك-ئىچمەك بىلەن، شۇنداقلا 253 ئائىلىنى بىم (BIM) تاللا بازىرىنىڭ 100 لىرا قىممىتىدىكى مال سېتىۋېلىش كارتىسى بىلەن تەمىنلىدى. ياردەم بۇيۇملىرى سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر مەسچىتى ۋە زەيتىنبۇرنۇدىكى ھالال دۇنيا تاللا بازىرى ئالدىدا ساغلاملىق تەدبىرلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا ئاساستا تارقىتىلدى.
شۇ كۈنى نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى يەنە رامىزان ئېيىنى تەبرىكلەپ، 500 تال رامىزانلىق كالېندارنى خانىم-قىزلارغا تارقىتىپ بەردى.

بۇ خەۋەر 2399 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2020 19:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق