خىتاي يەسلى يېشىدىكى بالىلارنى ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىماقتا

خىتاي يەسلى يېشىدىكى بالىلارنى ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىماقتا
23-ئاپرېل تىك توك ۋە ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەندە يەسلى يېشىدىكى بالىلارغا قارىتا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئۇلارنى مەجبۇرىي ھالدا ئائىلە مۇھىتىدىن ئايرىشقا باشلىغان.
تىك توك ۋە ئۈندىدار توپلىرىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بەش ياشلىق بالىلار كىيىم-كېچەك ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تەييارلاپ يەسلىگە بېرىشقا مەجبۇرلانغان. بۇ تۈزۈم ئاساسلىقى يېزىلاردا يولغا قويۇلغان. ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بالىلار شەنبە كۈنى ئۆيگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنىپ، دۈشەنبە كۈنى مەكتەپكە كېلىشى تەلەپ قىلىنغان.
بالىلار كىچىك بولغانلىقتىن بەزى تۇرمۇش ھاجەتلىرىدىن چىقالمىغاندا ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلاردىن ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كىيىم-كېچەك، قەغەز ۋە لۆڭگە قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەكېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئاشكارىلانغان بۇ بالىلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئاتا-ئانىلار سەبىي بالىلىرىدىن ئايرىلىشنىڭ ئېغىر كەلگەنلىكىنى، قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
ئۈندىداردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يەسلىدە يېتىپ ئوقۇشقا ئەۋەتمىسە، مەكتەپ قاتتىق سۈرۈشتە قىلغان. تۆت-بەش ياشلىق بالىلارغا خىتاي ئوقۇتقۇچىلار قارايدىغان بولۇپ، بالىلار چۈشلۈكى ئاساسەن سىنىپتىكى دەرس ئۈستىلى ئۈستىدىلا ئۇخلايدىكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ خىل تۈزۈمىنى ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە يولغا قويغان بولۇپ، يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بۇ تۈزۈمنى ئۇلارغىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە باشلىغان.

بۇ خەۋەر 1677 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2020 18:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق