ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر نەچچە بالىلار لاگېرىنى ئېنىقلاپ چىقتى

ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر نەچچە بالىلار لاگېرىنى ئېنىقلاپ چىقتى

تېرلاين تورىنىڭ 20-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رەندى شىركىتىنىڭ ئىككى تەتقىقاتچىسى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇپ چىققان 20گە يېقىن بالىلار لاگېرىنى ئېنىقلاپ چىققان.
خەۋەردە بۇ لاگېرلارنىڭ 2017-، 2018-يىللىرى قۇرۇلغانلىقى، بۇنىڭ دەل شەرقىي تۈركىستان خەلقى كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇپ چىققان ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇلارنى ئېنىقلاپ چىققانلىقى، بايقالغان 20گە يېقىن ئورۇندىكى بالىلار لاگېرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە بۇ خىل ئورۇنلارنىڭ شىددەتلىك كۆپىيىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، رەندى شىركىتىدىكى تەتقىقاتچىلار بۇ ئۇچۇرنى ئىگىلەشتە ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن پايدىلانغانلىقى، بۇ قېتىمقى بايقالغان ئورۇنلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ خوتەن شەھىرىگە يېقىن يېزا-كەنتلەردىكى ئاز بىر قىسىم ئاتالمىش «يەسلىلەر» ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن

بۇ خەۋەر 1740 قېتىم كۆرۈلدى
21/04/2020 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق