ھىندونېزىيەدە شەرقىي تۈركىستان كۈنتەرتپى...

 

17-فېۋرال يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ھىندونېزىيە ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ھىندونېزىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.

دوكتور ئابدۇسالام 23-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن ھىندونېزىيە  Yogyakarta    شەھىرىدىكى  el-Fadilah  جامەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئىسلامىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغانلىقى، ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» سىياسىتىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىگە كوممۇنىستلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تونۇشتۇردى. 
دوكتور ئابدۇسالام 23- ڧېۋرال چۈشتىن بۇرۇن يەنە ھىندونېزىيەنىڭ Yogyagartaشەھىرىدىكى   Kuncenجامەسىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ دىنىي كىملىكى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

دوكتور ئابدۇسالام 23- ڧېۋرال چۈشتىن كېيىن ھىندونېزىيەنىڭ Yogyagartaشەھىرىدىكى   Jamasba جامەسىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ دىنىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

دوكتور ئابدۇسالام 23- ڧېۋرال چۈشتىن كېيىن يەنە، ھىندونېزىيەنىڭ Yogyagartaشەھىرىدىكى   Taqwa Suronatan جامەسىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان » نامى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىگە كوممونستلارنى مەجبۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش ئەھۋاللىرىنى  تونۇشتۇردى.

بۇ خەۋەر 35043 قېتىم كۆرۈلدى
25/02/2019 19:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق