نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: غاپپار پەتتار

غاپپار پەتتار

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

دوكتور غاپپار پەتتار (Apar Pataer, MD, PhD) ۋە مۇقەددەس قۇربان

 

ئىنىمىز غاپپار (ئىنگلىزچە «Apar Pataer» دەپ يېزىلىدۇ) ئۈرۈمچىگە يېقىن يەردىكى بىر يېزىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئىككى ئاكىسى، ئىككى ھەدىسى ۋە بىر ئۇكىسى بىلەن ئاشۇ يېزىدا ئۆتكۈزدى. 1981-يىلى ئۇ ئائىلە بويىچە تۇرپانغا كۆچۈپ بارغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى 1983-يىلى تۇرپاندا پۈتتۈردى. ئۇ 1983-يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، 1988-يىلى ئوقۇشىنى تاماملىدى. غاپپار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن باشلاپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئۆزىگە غايە قىلىپ تىكلەپ، ئىنگلىز تىلىنى قاتتىق تىرىشىپ ئۆگەندى. ئۇ ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى نىشان قىلىپ تۇرغۇزۇپ، پايدىلانغىلى بولىدىغان ھەممە پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆز نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قاتتىق تىرىشتى. ئۇ ياتىقىنىڭ تېمىغا بىر دۇنيا خەرىتىسىنى چاپلاپ قويۇپ، ساۋاقداشلىرىغا كەلگۈسىدە بارماقچى بولغان دۆلەتلىرىنى دەپ بېرىپ يۈردى. شۇنداقلا ئۇ مەكتىپىدىكى دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتناشتى. مەسىلەن: ئۇ مەكتىپىنىڭ رەسىم كۇلۇبىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، كېيىن ئاشۇ كۇلۇبنىڭ باشلىقى بولدى. ئۇنىڭ غايىلىرى ۋە ئاشۇ غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۇنىڭدا ئىنتايىن كۈچلۈك ئىرادە ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.

غاپپار 1988-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، «شىنجاڭ خەلق دوختۇرخانىسى»غا دوختۇر بولۇپ خىزمەتكە كىرىپ، ئۇ يەردە ئىككى يىل ئىشلىدى. ئۇ 1990-يىلى ياپوننىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى ئوساكا تىل مەكتىپىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ ھەر كۈنى كۈندۈزى مەكتەپتە ئوقۇپ، ئاخشىمى تاكى يېرىم كېچىگىچە بىر رېستوراندا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىدى. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ دەم ئالماي، ئوقۇش بىلەن ئىشلەشنى داۋاملاشتۇردى. ئۆزىنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىقى بىلەن بىر يىل ئىچىدىلا ياپونچىنى مۇكەممەل سۆزلىيەلەيدىغان بولدى. ئۇ ياپون تىلىدىن باشقا، ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلى ۋە ھۈجەيرە بىيولوگىيەسىگە ئائىت كەسپىي بىلىملەرنىمۇ بىللە ئۆگىنىپ ماڭدى.

غاپپار بىر يىل ئىچىدە ئۆزى پۇل تۆلەپ ئوقۇشقىمۇ يېتەرلىك پۇل يىغىپ، ياپونغا كېلىپ بىر يىل توشقان ۋاقىتتا كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىلتىماس قىلدى. غاپپار ئۈچۈن بۇ بىر ئەڭ ھالقىلىق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈش بولۇپ، ھازىر مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ياپونىيە ۋە باشقا ئەللەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن يول ئېچىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ. غاپپارنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈپ، 1991-يىلى كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندى. ئۇ بەش يىل تىرىشىپ ئوقۇپ، 1996-يىلى كىيوتو ئۇنىۋېرسىتېتى تېبابەتچىلىك فاكۇلتېتىنىڭ ھۈجەيرە بىيولوگىيەسى، راك كېسەل بىيولوگىيەسى ۋە پاتولوگىيە كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئوقۇش پۈتتۈرگەن يىلى ئۇ يەنە «ئەڭ ياخشى ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئوقۇش ۋە تەتقىقات جەھەتتىكى نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز فاكۇلتېتىدا «ياردەمچى پىروفېسسور» (Assistant Professor) خىزمىتىگە قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇشۇ فاكۇلتېتقا خىزمەتكە كىرگەن بىرىنچى چەت ئەللىك پىروفېسسور بولدى.

1992-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە غاپپار يەنە ياپونىيەنىڭ ئوتسۇ قىزىل كىرېست دوختۇرخانىسى (Otsu Red Cross Hospital)دا قوشۇمچە دوختۇر ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى.

ئۆزىنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى كەسپىي خىزمىتىدىن باشقا، غاپپار يەنە ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، ياپونىيەنىڭ كىيوتو رايونىدىكى بىر قانچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتلىرىدا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، 1998-يىلى بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە ياپونلۇق دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە كىيوتو، نارا، كوبې ۋە ئوساكا رايونلىرىدا «تەڭرىتاغ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇيۇشمىسى»نى قۇرۇپ چىقتى. ئۇيغۇر ۋە ياپونلارنى ئۆزىگە ئەزا قىلغان بۇ ئۇيۇشما ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا كېڭىيىپ مېڭىۋاتىدۇ ھەمدە ياپونلارغا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ياپونىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم روللارنى ئويناۋاتىدۇ.

غاپپار يەنە ئۆز يۇرتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ياردەم قىلىش ئىشىنىمۇ ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ (http://tengritagh.turukusa.com/).

1998-يىلى غاپپار ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئاندېرسون راك كېسىلى مەركىزىگە دوكتور ئاشتى بولۇپ كىردى. بۇ ئورۇن راك كېسىلى تەتقىقاتىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، غاپپار ئاشۇ مەركەزنىڭ كۆكرەك ۋە يۈرەك قان-تومۇر ئوپېراتسىيەسى (Thoracic & Cardiovascular Surgery) بۆلۈمىدە ئۆپكە-راك كېسىلىنى داۋالاش ساھەسىدە تەتقىقات يۈرگۈزدى. بۇ بۆلۈممۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆپكە-راك كېسىلى تەتقىقاتىدا دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، دۇنيادىكى تۇنجى قېتىملىق ئىنسانلارنىڭ ئۆپكە-راك كېسىلىنى داۋالاش سىنىقى مۇشۇ ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان. غاپپار مۇشۇ ئورۇندىكى دوكتور ئاشتىلىق تەتقىقاتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئۆز بۆلۈمىگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئېلىپ قېلىندى. ئۇ داۋاملىق تىرىشىپ، ياردەمچى پىروفېسسور (Assistant Professor) پەللىسىدىنمۇ ئاتلاپ، 2011-يىلى مۇئاۋىن پىروفېسسور (Associate Professor) سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشىپ بولدى.

 ئىلاۋە: ئامېرىكىدىكى ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرى تەربىيەلەش سالاھىيىتىگە ئىگە ئالىي مەكتەپلەردە پىروفېسسورلۇقنىڭ جەمئىي ئۈچ دەرىجىسى بار: ياردەمچى پىروفېسسور، مۇئاۋىن پىروفېسسور ۋە تولۇق ياكى ئۆمۈرلۈك پىروفېسسور (Full Professor). بۇ ئۈچ بالداقنىڭ بىر تۆۋەن بالدىقىدىن ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەنە بىر بالداققا ئۆسۈش ئۈچۈن دەرس ئۆتۈش ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى جەھەتتە، شۇنداقلا ۋاقىت مۇددىتى جەھەتتە بەلگىلىك شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرۈش كېرەك. ئادەتتە بىر بالداقتىن يەنە بىر بالداققا ئۆسۈش ئۈچۈن بەش يىلدەك ۋاقىت كېتىدۇ. «ئۆمۈرلۈك پىروفېسسور » دېگەن سالاھىيەت ئەڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بىر ئادەم بىر ئالىي مەكتەپتە ئاشۇ سالاھىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەكتىپى ئۇ ئادەمنى خىزمىتىدىن ئېلىۋېتەلمەيدۇ. ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسى يوق ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئىقتىسادىي كىرىمنى تۈپ مەقسەت قىلغان كىچىك ئالىي مەكتەپلەردە ئۇنداق تۈزۈم يوق بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلغان كىشىلەرگە ئاشۇ مەكتەپلەر ئۆز مەيلى بويىچە سالاھىيەت بېرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنداق مەكتەپلەردە «ئۆمۈرلۈك پىروفېسسور » دېگەن سالاھىيەتمۇ مەۋجۇت بولمايدۇ.

ئىنىمىز غاپپار ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدىكى داڭلىق خەلقئارالىق ژۇرناللاردا كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ بولدى. ئۇ ھازىر ئۆپكە راك كېسىلى ساھەسىدە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالغان مولېكۇلالىق پاتولوگ ۋە ئالىملار (molecular pathologist and scientists) نىڭ بىرى.

ئىنىمىز غاپپار تورداشلارغا ناھايىتىمۇ تونۇشلۇق بولغان داڭلىق ناخشىچى سىڭلىمىز مۇقەددەس قۇربان بىلەن تۇرمۇشلۇق بولغان بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغا 18 يىل بولدى. ئۇلارنىڭ بىر جۈپ ئوماق قوشكېزەك قىزلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسمى دىلفىرە بىلەن دىلمىرە. سىڭلىمىز مۇقەددەس ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن قاتتىق تىرىشىپ، ئۆز ئالدىغا بىر خۇسۇسىي بىنا سودىسى شىركىتىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ شىركەتنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى «Premier International Realty» (www.premierinternationalrealty.com) بولۇپ، مۇقەددەس ھازىر مەزكۇر شىركەتنىڭ لىدىرى ۋە ئاساسلىق ئىگىسى. بۇ شىركەت كارخانا بىنالىرى ۋە تۇرالغۇ بىنالاردىن ئىبارەت ئىككى خىل بىنالارنى باشقۇرىدىغان، بىنا سالىدىغان ۋە بىنالارغا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىنى قىلىدىغان شىركەت بولۇپ، ھيۇستون شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئىگىلىك ئىشلىرىنى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھازىر بۇ شىركەت 250 كارخانا بىناسىنى باشقۇرىدۇ. سىڭلىمىز مۇقەددەس تەجرىبىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك كارخانا لىدېرلىرىدىن بىرى بولۇپ تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۆپ قېتىم ھيۇستون شەھەرلىك بىنا سودىسى ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشتى.

سىڭلىمىز مۇقەددەس ئۇيغۇر دىيارىدا تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، بۇرۇن ئارتىسلىقنى ئۆزىگە كەسىپ قىلغان. ئۇ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن قاتتىق تىرىشىپ، بىر يېڭى كەسىپنى ئۆگەندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە ئاشۇ يېڭى كەسىپتىكى بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بولدى. يېڭى كەسىپتىكى بىر كارخانىچى بولدى. ئۇ ھازىر ئامېرىكىدىكى باشقا ئوخشاش كەسىپتىكىلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ ياشاۋاتىدۇ. ياشىغاندىمۇ ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتىدۇ. قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشاۋاتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدا چوڭ بولۇپ ناخشىچى بولۇۋاتقان، ئۇسسۇلچى بولۇۋاتقان، ئارتىس بولۇۋاتقان ۋە باشقا خىلدىكى سەنئەتكارلاردىن بولغان ئۇكىلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ياشلار ئاشۇنداق يولنى ئۆز ئارزۇسى بىلەن تاللىغان بولماستىن، جان بېقىش ئۈچۈن ئاشۇنداق يولنى تاللاشقا مەجبۇرىي بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر قىسىم ياشلار بولسا «مەن بۇ ئىشتىن باشقىسىغا يارىمايمەن» دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بىز سىڭلىمىز مۇقەددەستىن ئىبارەت مۇشۇ بىر مىسالدىن مۇنداق بىر ئىشنى يەكۈنلەپ چىقالايمىز: ئەگەر ئامېرىكىدىكىدەك ھەممە كىشىلەر باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان بىر شارائىت مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھازىر ئارتىس بولۇش يولىغا مېڭىۋاتقان ئاشۇ ئۇكىلارنىڭ ئىچىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك كارخانىچى بولالايدىغانلارمۇ كۆپلەپ چىقىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشلار ئۈچۈن ھەممە كىشىلەر باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان بىر شارائىتنى بەرپا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. خىزمەت پۇرسەتلىرى ئالدىدا ھەممە كىشىلەر باراۋەر بولۇش، بازار ئىقتىسادى تۈزۈمىدە ھەممە ئادەم باراۋەر رىقابەتلىشىشكە ئائىت قانۇنلار بولسا ئۇلارنى ئىجرا قىلدۇرۇش، قانۇن بولمىسا ئۇنى بەرپا قىلدۇرۇش ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىشلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى.

چەت ئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ «خىزمەت تارىخى»نى تەييارلاش بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «Curriculum Vitae, CV» دەپ ئاتىلىدۇ. تەلەپ قىلىنىدىغان يەنە بىر نەرسە ئۆزىنىڭ ئوقۇش پىلانى بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «Personal Statement» دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنىمىز غاپپار ۋەتەندىكى ياشلارنىڭ ئاشۇنداق ماتېرىياللارنى تەييارلىشىغا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ.

ئىنىمىز غاپپارنىڭ بىر ئادىتى ئالىي مەكتەپتىكى ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار كۇلۇبلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىش. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇنداق ئىشلار ئادەمنىڭ تەجرىبىلىرىنى كۆپەيتىدۇ، شۇنداقلا ئادەمدە باشقىلار بىلەن ئۈنۈملۈك مۇناسىۋەت قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئادەم ئۆز ھاياتىدا داۋاملىق تۈردە ئۆز ۋۇجۇدىنى ئىجابىي، سەلبىي ۋە نېيترال ھېسسىياتلار قاپلىۋالغان ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ. دەرستىن سىرتقى ياكى خىزمەتتىن سىرتقى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئادەمنىڭ سەلبىي ھېسسىياتىنى ئازايتىدۇ ياكى ئادەمدە سەلبىي ھېسسىياتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئادەملەر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر ئۈلگە تىكلىسىڭىز بولىدۇ، ئەمما سىزنىڭ ئۇ ئۈلگىدىن ئەينەن دورىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. سىز ئۆزىڭىزنىڭ غايىسى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئۆز تارىخىڭىزنى يېزىپ چىقىشىڭىز، ھەرگىزمۇ ئۆز غايىڭىزنىڭ غايىب بولۇپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىڭىز كېرەك.

 

ئاخىرقى سۆز

يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان ئىككى ئىنىمىز باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى خىتايدا ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن خىتايدا بىر مەزگىل ئىشلەپ، ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەس، ئۆزى يول ئېچىپ چەت ئەلگە چىققانلاردۇر. ھازىر ۋەتەندە تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا چەت ئەلگە چىقىشنى نىشانلاۋاتقان ئۇكىلار بار. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا چەت ئەلگە چىقىشنى پىلانلاۋاتقانلارمۇ بار. شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنى تاماملىغاندىن كېيىنلا چەت ئەلگە چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئۇكىلارمۇ بار. ماڭا ئاشۇنداق ئۇكىلاردىن مەسلىھەت سورايدىغان خەتلەر داۋاملىق كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىز يۇقىرىدىكى ئىنىمىز غاپپارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن مۇنداق بىر يەكۈننى چىقىرالايمىز: ئەگەر سىز تولۇقسىز، تولۇق ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، شۇنىڭغا ئۇلاپلا چەت ئەلگە چىقالماي قالسىڭىز، ھەرگىز ئەنسىرىمەڭ، ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ. سىزگە كېيىنچە يەنە يول بار. شۇڭلاشقا بەلنى قويۇۋەتمەي، داۋاملىق تىرىشىڭ. مېنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بېرىدىغان بىر تەكلىپىم: بالىڭىزنى تولۇقسىز ياكى تولۇقنى پۈتتۈرۈپ بولۇشىغىلا چەت ئەلگە چىقىرىپ قويۇشقا ئالدىرىماڭ. بالىڭىز چەت ئەلگە چىقىپ، ئۆزى مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگىمۇ-ئەمەسمۇ، سىز بالىڭىزنى ئاشۇنداق قىلىشقا تولۇق تەييارلاپ بولدىڭىزمۇ-يوق، بۇ جەھەتتە ئوبدانراق ئويلىنىڭ ۋە ئىزدىنىڭ. ئەگەر تولۇق تەييار بولمىغان بالىنى چەت ئەلگە چىقىرىۋەتسىڭىز، ئۇ سىز بەرگەن پۇلنى خەجلەپ تۈگىتىپ، ئەمما ئوقۇشنى تۈگىتەلمەي قايتىپ كېتىدۇ. بىز چەت ئەلدە ئاشۇنداق ئەھۋالنى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بالىنىڭ نورمال ياشاپ چوڭ بولۇشى ۋە ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزلىرىنى بەك قىينىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، بالىلار ئەڭ ياخشىسى باكلاۋۇرلۇقنى ۋەتەندە ئوقۇپ، ئاندىن كېيىنكى ئوقۇشنى چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغىنى ياخشى.

مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە» دېگەن ماقالەمدە[2] ئۆزۈمنىڭ نېمە ئۈچۈن «بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ» دېگەن تېما[3] ئاستىدىكى ماقالىلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ تۇرغانلىقى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن قېرىنداشلار ماڭا ئىنكاس، خۇسۇسىي ئۇچۇر ۋە ئېلخەت يېزىپ، مەندىن بالا تەربىيەسى ھەققىدىكى ماقالىلەرنى توختىتىپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە سەمىمىي سۆزلىرى بىلەن ماڭا مەدەت بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مېنىڭ بالا تەربىيەسى ھەققىدىكى تېمىلارغا نىسبەتەن ھېلىقىدەك خۇلاسىگە كېلىپ قېلىشىمغا سەۋەبچى بولغان نەرسە ئۇلارغا چۈشكەن ئىنكاسلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقى ئەمەس. مەن يۇرتتىكىلەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى خېلى ياخشى چۈشىنىمەن. مېنىڭ ھېلىقىدەك ئويلاپ قېلىشىمغا سەۋەب بولغان نەرسە ئۇ ماقالىلەرنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ مەن پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش ھەققىدىكى تېمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن، بالا تەربىيەسى ھەققىدىكى تېمىلارنى يەنە داۋاملاشتۇرىمەن. شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] بىلىمخۇمار: چەت ئەلدە ئوقۇغان نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار

http://bbs.izdinix.com/thread-62355-1-1.html

 

[2] بىلىمخۇمار: «پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇش» ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچە

http://bbs.izdinix.com/thread-62459-1-1.html

 

[3] بىلىمخۇمار: بالىڭىزغا توغرا كۆيۈڭ

http://bbs.izdinix.com/thread-61626-1-1.html

 

[4] ئابدۇلھەمىد قاراخان

https://www.facebook.com/abdulhamitkarahan?fref=photo

 

دوكتۇر غاپپار پەتتار ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى

دوكتور غاپپار پەتتار ھازىرغىچە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر»نىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، خەلقئارالىق ئىلمىي ماقالە ژۇرناللىرىغا بېسىلغان 15 پارچە ئىلمىي ماقالىسىنىڭ تىزىملىكى.

Selected 15 Peer-Reviewed Original Research Articles (* Corresponding author)

 

[1]Pataer A, Fang B, Yu R, Kagawa S, Hunt KK, McDonnell TJ, Roth JA, Swisher SG. Adenoviral Bak overexpression mediates caspase-dependent tumor killing. Cancer Res 60(4):788-792, 2000.

 

[2] Pataer A, Vorburger SA, Barber GN, Chada S, Mhashilkar AM, Zou-Yang H, Stewart AL, Balachandran S, Roth JA, Hunt KK, Swisher SG. Adenoviral transfer of the melanoma differentiation-associated gene 7 (mda7) induces apoptosis of lung cancer cells via up-regulation of the double-stranded RNA-dependent protein kinase (PKR). Cancer Res 62(8):2239-2243, 2002.

 

[3] Pataer A, Chada S, Hunt KK, Roth JA, Swisher SG. Adenoviral melanoma differentiation-associated gene 7 induces apoptosis in lung cancer cells through mitochondrial permeability transition-independent cytochrome c release. J Thorac Cardiovasc Surg 125(6):1328-1335, 2003.

 

[4] *Pataer A, Vorburger SA, Chada S, Balachandran S, Barber GN, Roth JA, Hunt KK, Swisher SG. Melanoma differentiation-associated gene-7 protein physically associates with the double-stranded RNA-activated protein kinase PKR. Mol Ther 11(5):717-723, 2005.

 

[5] Pataer A, Fanale MA, Roth JA, Swisher SG, Hunt KK. Induction of apoptosis in human lung cancer cells following treatment with amifostine and an adenoviral vector containing wild-type p53. Cancer Gene Ther 13(8):806-814, 2006.

 

[6] *Pataer A, Bocangel D, Chada S, Roth JA, Hunt KK, Swisher SG. Enhancement of adenoviral MDA-7-mediated cell killing in human lung cancer cells by geldanamycin and its 17-allyl- amino-17-demethoxy analogue. Cancer Gene Ther 14(1):12-18, 2007.

 

[7] *Pataer A, Hu W, Xiaolin L, Chada S, Roth JA, Hunt KK, Swisher SG. Adenoviral endoplasmic reticulum-targeted mda-7/interleukin-24 vector enhances human cancer cell killing. Mol Cancer Ther 7(8):2528-2535, 2008.

 

[8] *Pataer A, Swisher SG, Roth JA, Logothetis CJ, Corn PG. Inhibition of RNA-dependent protein kinase (PKR) leads to cancer cell death and increases chemosensitivity. Cancer Biol Ther 8(3):245-52, 2009.

 

[9] *Pataer A, Raso MG, Correa AM, Behrens C, Tsuta K, Solis L, Fang B, Roth JA, Wistuba II, Swisher SG. Prognostic significance of RNA-dependent protein kinase on non-small cell lung cancer patients. Clin Cancer Res 16(22):5522-8, 2010.

 

[10] *He Y, Correa AM, Raso MG, Hofstetter WL, Fang B, Behrens C, Roth JA, Zhou Y, Yu L, Wistuba II, Swisher SG, Pataer A. The Role of PKR/eIF2a Signaling Pathway in Prognosis of Non-Small Cell Lung Cancer. PLoS One 6(11):e24855, 2011.

 

[11] *Pataer A, Kalhor N, Correa AM, Raso MG, Erasmus JJ, Kim ES, Behrens C, Lee JJ, Roth JA, Stewart DJ, Vaporciyan AA, Wistuba II, Swisher SG, University of Texas M. D. Anderson Lung Cancer Collaborative Research Group. Histopathologic response criteria predict survival of patients with resected lung cancer after neoadjuvant chemotherapy. J Thorac Oncol 7(5):825-32, 2012.

 

[12] William WN, Pataer A, Kalhor N, Correa AM, Rice DC, Wistuba II, Heymach J, Lee JJ, Kim ES, Munden R, Gold KA, Papadimitrakopoulou V, Swisher SG, Erasmus JJ, University of Texas M.D. Anderson Lung Cancer Collaborative Research Group. Computed tomography RECIST assessment of histopathologic response and prediction of survival in patients with resectable non-small-cell lung cancer after neoadjuvant chemotherapy. J Thorac Oncol 8(2):222-8, 2013.

 

[13] *Guo C, Shao R, Correa AM, Behrens C, Johnson FM, Raso MG, Prudkin L, Solis LM, Nunez MI, Fang B, Roth JA, Wistuba II, Swisher SG, Lin T, Pataer A. Prognostic Significance of Combinations of RNA-Dependent Protein Kinase and EphA2 Biomarkers for NSCLC. J Thorac Oncol 8(3):301-308, 2013.

 

[14] Hellmann MD, Chaft JE, William WN, Rusch V, Pisters KM, Kalhor N, Pataer A, Travis WD, Swisher SG, Kris MG, University of Texas MD Anderson Lung Cancer Collaborative Group. Pathological response after neoadjuvant chemotherapy in resectable non-small-cell lung cancers: proposal for the use of major pathological response as a surrogate endpoint. Lancet Oncol 15(1):e42-50, 2014.

 

[15] *Guo C, Hao CC, Shao R, Correa AM, Behrens C, Fang B, Roth JA, Wistuba II, Swisher SG, Pataer A. RNA-dependent protein kinase (PKR) depletes nutrients, inducing phosphorylation of AMP-activated kinase in lung cancer. Oncotarget: In press, 2015.

 *****

http://www.meripet.com/2015/20150227_chetel_uyghur2.htm?fbclid=IwAR1L7J6XGb-2oT2TCeXPWrNV_Ryf4oXeRcYReRwPPtY-nBXZHygTJnS5sY8

بۇ خەۋەر 9650 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2020 13:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق