قارىكام

قارىكام

يۈسۈپبەگ مۇخلىسى

 

 مەھەللىمىزدە ئىككىلا كۆزى كۆرمەيدىغان تۇغما قارىغۇ بىر كىشى ياشايتتى. ئىسىم-فامىلىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، يۇرتتىكىلەر ئۇ كىشىنى «قارىكا» دەپ چاقىراتتى.

ئۇيغۇر ئەنئەنىسى بويىچە راستتىنلا كۆپىنچە قارىغۇ كىشىلەر قارى بولىدۇ. بىراق بىزنىڭ بۇ «قارى» قۇرئاننىڭ بىر ھەرپىنىمۇ بىلمەيتتى. لېكىن ئۇ شۇنچىلىك سۆزمەن ۋە خۇشخۇي كىشى ئىدىكى، ئۇ بىلمەيدىغان كونا سۆز، يېڭى ۋەقە ۋە باشقا ئىشلار ئاز ئىدى.

ئۇ ھەممىمىزنى ئاۋازىمىزدىن تونۇيتتى. ھەتتا يىراقلارغا كېتىپ، بەش-ئالتە يىلدىن كېيىن كېلىپ سالام بەرسىڭىز، ئىسمىڭىزنى ئاتاپ تۇرۇپ كۆرۈشەتتى. مەن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تولا چېقىشاتتىم.

- قارىكا، رەڭ دېگەن نەرسىنى بىلەمسىز؟- دەپ سورايتتىم. ئۇ:

- ھەئە، بىلمەيچۇ! ئۇ قاپقارا بولىدۇ، بالام،- دەپ، كونا ھەرىنىڭ تىلىدەك شالاڭ چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلەتتى.

- قىزىلچۇ؟

- قىزىلگۈل قانداق بولسا شۇنداق بولىدۇ-دە!

ئاندىن مەن ھۇزۇرلىنىپ كۈلەتتىم ۋە يەنە سورايتتىم:

- ئاقچۇ؟

- ھەسسىنە! شۇ ئاق دېگەن نېمىنى بىلەلىسەم، قاراڭغۇغا مەڭگۈ قارىمايتتىم، بالام،- دەپ بىر ئۇھ تارتاتتى-دە، «ئاللاھ بۇ گۇناھكار بەندەڭگە شۇ يورۇق كۈنلىرىڭنى قاچانمۇ نېسىپ قىلارسەن؟!» دەپ مۇناجاتقا ئۆتۈپ كېتەتتى. ئەپسۇسكى، ئۇنى دوختۇرغا كۆرسىتىپ، بۇ ئىللەتتىن قۇتۇلدۇرۇۋالىدىغان جەرراھلار ئۇ كۈنلەردە شەھىرىمىزدە يوق ئىدى.

ئارىدىن بەش يىل ئۆتتى. مەن ئۈرۈمچىدە بىلىم ئېلىپ، قانچىلىك ئۆزگىرىپ كەلگەن بولسام، بىزنىڭ يۇرتمۇ شۇنداق ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىكەن. كېلىپلا ئەتىسى قارىكامغا سالام قىلدىم. ئۇ دەرھال تونۇدى . ئەمما نېمىشقىدۇر، بۇرۇنقىدەك خۇش چاقچاق، خۇش تەبىئىتى بىلەن قارشى ئالمىدى. «قېرىپ روھى چۈشۈپ كەتكەن بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدىم.

شەھىرىمىزگە ئۈرۈمچىدە مەن بىلەن بىللە ئوقۇغان بىر جەرراھ دوختۇرى خىزمەتكە كەلگەن ئىدى. «سىزنىڭ بىزنىڭ يۇرتتىكى ئەڭ ساۋابلىق ئىشىڭىز شۇ قارىكامنىڭ كۆزىنى ئېچىش بىلەن باشلانسا نېمە دەيسىز؟» دەپ يولدا كېلىشىپ قويغان ئىدىم. كۆرۈشكەندىن كېيىن قارىكامغا شۇ خۇش خەۋەرنى ئېيتىۋەتتىم:

- ياق ئوغلۇم، مەن ئەمدى مۇشۇ قاراڭغۇ جاھاننىڭ ئەبەدىي كۆرمەس ئەسىرى بولۇپ ئۆتىمەن!- دېدى ئۇ ئاجايىپ بىر ئاچچىق ۋە تىترەك ئاۋاز بىلەن كۆزلىرىنى كۆزۈمگە تىكىپ تۇرۇپ،- مەن ئارزۇلىغان يورۇق دۇنيا بۈگۈنكىدەك قاراڭغۇ بولسا، كۆزۈمنى ئېچىپ نېمە قىلىمەن. ئابدۇكېرىمخان قېنى؟ تۈرمىدە. توختى ئالىموف قېنى؟ تۈرمىدە. سېنىڭ ئاكاڭ ئىبراھىم شەيخ قېنى؟ تۈرمىدە... ساناپ كەلسەم ئالىقاندەك بىر يۇرتتىن تۇتۇلۇپ كەتكەن مەھبۇسلارنىڭ سانى ئوتتۇز كىشىگە يېتىپتۇ. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە 184 مىڭ كىشى سولىنىپتۇ. بۇ نېمە دېگەن شۇملۇق! بۇ بىزگە نېمە كەلگۈلۈك! ماڭا مۇشۇ زۇلۇم دۇنياسىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆزۈمنى ئاچامسەن؟ ياق، ئوغلۇم. سەن پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن مۇنۇ بىر ھەقىقەتنى ئاڭلاپ قويغىنكى، شۇ سەۋەبلىك ئىنسان بالىسىغا ياشاش ئۈچۈن ئازادلىق كېرەك. ئەگەر ئۇ ئازادلىق قولۇڭدا بولمىسا، كۆزۈڭ ئوچۇق تۇرۇپ كور يۈرگەندىن، مەندەك ئەبەدىي قارىغۇ بولۇپ ئۆت!

 

 مۇئەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ۋەتەنپەرۋەر تەشكىلاتچى، تارىخچى ۋە يازغۇچى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي 1920-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاتۇشتا دۇنياغا كەلگەن. 1944-يىلى غۇلجىدا پارتلىغان شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1960-يىلى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەن.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسى 1992-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئالمۇتىدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق فىرونتى» ئىسمىدا بىر تەشكىلات قۇرغان.

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىينىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان «تارىخ دەۋرنىڭ سوراقچىسى» ناملىق تارىخى شەجەرىسىدە شۇنداق قۇرلار بار: «مەن مىللىتىم ئۇيغۇرنىڭ مىللىي تارىخىغا بىر باب بولۇپ قوشۇلىدىغان بۇ تارىخىي شەجەرىنى 2002-يىلى 17-ئاپرېل 81 يېشىمدا باشلىدىم. بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۆزىمىزنىڭ ساپ قان، پاك نەسلىمىز بولغان شانلىق تارىخىمىزنى يازمىدۇق. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قورقۇپ، سىياسەتكە ماسلىشىپ جان باقىمىز دەپ، شەجەرىمىز ۋە مىللىي غۇرۇرىمىزنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، بىرىمىز قىپقىزىل يالغاندىن «دېھقان»، بىرىمىز «ئىشچى ئائىلىسى» بولۇۋېلىپ، جان بېقىپ كەلدۇق. شۇنداق قىلىپ ئەۋلادلىرىمىزنى مىللىي غۇرۇرىمىزدىن مەھرۇم قىلىپ، خىتاي ئالدىدا رەزىل ئىللەتلىك خۇشامەتچى بولۇپ كەلدۇق. مانا بۇ مەن ھاياتىمدا ئۆتكۈزگەن چوڭ بىر جىنايەت. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن مىللىتىمدىن كەچۈرۈم سورىيالمايمەن. مىللىتىم ئۇيغۇرۇمغا بۇ ئاخىرقى سۆزۈم بولۇپ قالسۇنكى، ئەگەر سېنى ئاللاھ ئۇيغۇر قىلىپ ياراتقان بولسا، ئېسىل نەسەبتىن قىلىپ ياراتقان بولسا، سەن ھەرقانداق توسقۇنلۇقلارغا قارىماي، ئۆز نەسەبىڭنى مىللىتىڭ ئالدىدا جاكارلىغىن. مەن ئەزىز ئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ جۈرئەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي 1993-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا نەشر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر كىشىلەر» دېگەن كىتابقا كىرگۈزۈلگەن.

 مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىي 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 84 يېشىدا ۋاپات بولغان.

 

 («100 مەشھۇر ئۇيغۇر» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)

بۇ خەۋەر 9730 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2020 19:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق