كۆك ئاي ياردەم جەمئىيىتى: ياردەملەر تېخى يېتەرلىك ئەمەس

كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى مەسئۇللىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىلغان ياردەملەرنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
جەمئىيەت رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى باياناتتا ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغان ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىنىڭ 15 كۈندىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ياردەم توپلىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا مەركەزنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى سۈپىتىدە ئون كىشىنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان ئائىلىلەرنى بېكىتىپ چىققانلىقىنى، ھازىرغىچە 2300 ئائىلىنىڭ تىزىملانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە يەنە بۇ ئائىلىلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زۆرۈر ياردەملەرنى تاپشۇرۇۋالىدىغانلىقىنى، ئەمما يىغىلغان ياردەم سوممىسىنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ياردەم قولىنى سۇنۇشقا چاقىردى.

بۇ خەۋەر 2702 قېتىم كۆرۈلدى
16/04/2020 13:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق