خىتاي ۋىرۇسى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە

خىتاي ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تېز سۈرئەتتە تارقىلىشى نەتىجىسىدە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئاممىۋى پائالىيەتلەر ۋە يىغىلىشلار چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلىگەن ئىبادەتلىرى تەسىرگە ئۇچرىغان. بولۇپمۇ رامىزان ئېيىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىگە ئۇدۇل كېلىپ قېلىشى تېخىمۇ مۇسۇلمانلارنى بىئارام قىلماقتا.

خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆمرە ھەج پائالىيىتى زور تەسىرگە ئۇچراپلا قالماي، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش چەكلەنگەن ئىدى. رامىزان ئېيىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى بىلەن ئالاقىدار پەتىۋالار ۋە قارارلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا خىتاي ۋىرۇسىنىڭ روزا ئىبادىتىگە توسالغۇ بولالمايدىغانلىقى، ئۆزرىسىز، تېنى ساغلام كىشىلەرنىڭ تولۇق روزا تۇتۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يىغىلىپ ئىپتارلاشماسلىققا، تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇشقا چاقىرىق قىلغان.

قىرىم ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆزبېكىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، رامىزان ئېيىدا جامائەت بولۇپ تەراۋىھ نامىزى ئوقۇش ۋە ئىپتارلىشىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇلاردىن سىرت قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىمۇ ئوخشاش قارار چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 25939 قېتىم كۆرۈلدى
15/04/2020 12:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق