خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى كەنتلەردە «قانۇن ئىشخانىسى» تەسىس قىلغان

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئالدىنقى يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى 11577 كەنت ۋە مەھەللىدە ئاتالمىش «قانۇن مۇلازىمەت ئىشخانىسى» قۇرغان. 

«ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت ئىشخانىسى» نامىدىكى بۇ خىل ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ پۈتكۈل رايوننى قاپلىغانلىقى، ھەر بىر كەنت ۋە مەھەللىدە بىردىن ئاتالمىش «قانۇن مەسلىھەتچىسى» بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى 12043 كەنت ۋە مەھەللىدە قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئېلان قىلىنغان. بىراق بۇ ئىشخانىلارنىڭ كونكرېت خىزمەت ئەھۋالى ئاشكارىلانمىغان.
ئىلگىرى خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە كەنتلەردە سوتخانىلارنىڭ قۇرۇلۇپ، دەۋا-دەستۇرلارنىڭ ئۆز جايىدا ھەل قىلىنىپ، نورمال سوت مەھكىمىلىرىگە كېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقى، 2019-يىلى بۇ خىل سوتخانىلارنىڭ 83 مىڭ دەۋا-دەستۇرنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى ئىشخانىلىرى» ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە بىلدۈرمەستىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 2454 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2020 17:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق