شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەشۋىقات دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە

شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى تەشۋىقات دائىرىسىنى كېڭەيتمەكتە
شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئىسلامىي قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى ئاۋازى بولۇشنى نىشان قىلغان تەشۋىقات ئورگىنى.
ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا قارشى ئۇيغۇرچە، ئەرەبچە، تۈركچە ئۈچ تىلدا تەشۋىقات خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
ئاگېنتلىق ئىككى يىل ئىلگىرى ئەرەبچە ئېلېكتىرونلۇق ژۇرنال تارقىتىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى سىياسەتلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىگە تارقىتىپ كەلگەن بولۇپ، ژۇرنال ھازىر 27-سانىغا كەلدى. ژۇرنال ئەرەب دۇنياسىغا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى يېقىندا يەنە خىتاينىڭ خەلقئارادا تارقىتىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تەشۋىقات دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۈركچە «ئېلېكتىرونلۇق ژۇرنال» تارقىشىنى باشلىدى.
ئاخبارات ئاگېنتلىقى يۇتيۇب قانىلىدا «ئىستىقلال TV» نامىدا ئۇيغۇرچە كۈندىلىك خەۋەر، «تۈركىستان پىرېس TV» نامىدا تۈركچە كۈندىلىك خەۋەر، ئۇيغۇرچە «ئىستىقلال تورى خەۋەرلىرى» نامىدا ۋە «تۈركىستان پىرېس» نامىدا تۈركچە خەۋەر، «تۈركىستان تايمىس» نامىدا ئەرەبچە خەۋەر تارقاتماقتا. ئۇندىن باشقا يەنە «پارتلىغان سۈكۈت»، «سىياسىي مۇلاھىزە»، «دەۋا ۋە بىز»، «ئاۋانگارتلار»، «دەۋەت» قاتارلىق پىروگراممىلارنى سۈپەتلىك قىلىپ تارقىتىش بىلەن بىرگە، فېيسبۇك، تىۋىتتېر، ئىنستىگرام، تېلېگرام قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا قارشى خىزمەت قىلماقتا.
ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئەرەبچە فېيسبۇك سەھىپىسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، مەزمۇنلارنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى يېقىنقى ئىككى ئايدىلا بىر مىليوندىن ئاشتى.
بىز شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى خىتايغا قارشى تەشۋىقات ئورگىنى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ خەۋەر 3261 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2020 15:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق