كۆك ھىلال جەمئىيىتى ياردەم خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

كۆك ھىلال جەمئىيىتى ياردەم خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
9-ئاپرېل كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىدىكى پىدائىيلار خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇرلارغا يېمەكلىك ۋە نەق پۇل تارقاتتى.
كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ياردەم خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن باشلاپ ياردەم خىزمىتىنى تېخىمۇ ئاكتىپ داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەرلىرى خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ياكى خىتاينىڭ پاسپورتلارنى مۇسادىرە قىلىشى سەۋەبلىك ئەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قالغان بالىلىق ئاياللارنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، يېقىندا ئۇلارغا يەنە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئىش ئورنى تاقىلىپ، ئىشقا بارالمىغان ئائىلىلەر قوشۇلدى.
كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىدىكى پىدائىيلار خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، مەخسۇس پىدائىي تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.


9-ئاپرېل زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى «خىتاي ۋىرۇسى تۈركىيەدە پەيدا بولغاندىن بېرى جەمئىيەت قانداق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ ساخاۋەتچىلەردىن كېلىۋاتقان ياردەم مەسىلىسى

قانداق بولۇۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كۆك ھىلال جەمئىيىتى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى نامىدا 500 دەك ئائىلىگە نەق پۇل تارقىتىپ كەلگەن ئىدۇق. تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، تىزىمگە ئالدۇرغان قىيىنچىلىقى بار ئائىلە 1500گە يەتتى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر ساخاۋەتچى قېرىندىشىمىز خىتاي ۋىرۇسى مەزگىلىدىكى خەلقىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، جەمئىيىتىمىزگە 250 مىڭ لىرا نەق پۇل ئىئانە قىلدى. بەش كۈندىن بېرى قىيىنچىلىقى بار 400 ئائىلىگە 500 لىرادىن تارقىتىپ بېرىۋاتىمىز. بۈگۈنمۇ 60 ئائىلىگە 500 لىرادىن نەق پۇل تارقىتىپ بەردۇق. ھازىرغىچە ئۇيغۇر ساخاۋەتچى بەرگەن 250 مىڭ لىرانىڭ يېرىمىنى تارقىتىپ بولدۇق. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى يەنە بىر ساخاۋەتچى قېرىندىشىمىز 30 مىڭ لىرا، 3-ئاينىڭ 28 كۈنى يەنە بىر ساخاۋەتچى 12 مىڭ لىرا، يەنە بىر قېرىندىشىمىز سەككىز مىڭ لىرا ئىئانە قىلدى».
ئابدۇرېھىم ئەزىز ئوغلى يەنە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى تارقالغان 15 كۈن ئىچىدە 20 نەچچە توننا يېمەكلىكنى ئېھتىياجى بار ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، كېلىۋاتقان ياردەملەرنىڭ ھازىرچە خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى، ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاي ۋىرۇسى مەزگىلىدىكى جىددىي ۋەزىيەتتە كۆپلەپ ياردەم قىلىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ بۇ كىرىزىس مەزگىلىدىن خاتىرجەم ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 2345 قېتىم كۆرۈلدى
11/04/2020 14:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق