نۇزۇگۇم جەمئىيىتى يېتىملار خىزمىتىنى ياخشى داۋاملاشتۇرماقتا

نۇزۇگۇم جەمئىيىتى يېتىملار خىزمىتىنى ياخشى داۋاملاشتۇرماقتا
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك سىرتقا چىقالمىغان يېتىم بالىلارغا ئويۇنچۇق تارقىتىپ بەردى.
ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆيدە ھاياتلىق بار» چاقىرىقىغا ئاساسەن سىرتقا چىقالماي، ئائىلىلىرىدە سىقىلىش ئىچىدە قالغان يېتىملارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇمىدى.
نۇزۇگۇم جەمئىيىتى مەخسۇس پىدائىي تەشكىللەپ، 7-ئاپرېل ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق يېتىم بالىلارغا، 8-مارت يەنە سەفاكۆيدىكى يېتىم بالىلارغا ھەر خىل ئويۇنچۇق ۋە ماي بوياق قەلەملەرنى بالىلارنىڭ ئائىلىسىگىچە يەتكۈزۈپ بەردى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ ئىش باشلىغاندىن بېرى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي رايونلىرىدا تۇرۇشلۇق يېتىم بالىلارغا كېپىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى تەشكىللىگەندىن سىرت، ھەر ئايدا قەرەللىك نەق پۇل ۋە ھەر خىل يېمەكلىك تارقىتىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 2196 قېتىم كۆرۈلدى
10/04/2020 20:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق