كۆك ھىلال جەمئىيىتى ياردەم خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
9-ئاپرېل كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىدىكى پىدائىيلار خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇرلارغا يېمەكلىك ۋە نەق پۇل تارقاتتى.
كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ياردەم خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن باشلاپ ياردەم خىزمىتىنى تېخىمۇ ئاكتىپ داۋاملاشتۇرماقتا.
ئەرلىرى خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ياكى خىتاينىڭ پاسپورتلارنى مۇسادىرە قىلىشى سەۋەبلىك ئەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قالغان بالىلىق ئاياللارنىڭ سانى كۆپ ئىدى. يېقىندا ئۇلارغا يەنە، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئىش ئورنى تاقىلىپ، ئىشقا بارالمىغان ئائىلىلەر قوشۇلدى.
كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىدىكى پىدائىيلار خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، مەخسۇس پىدائىي تەشكىللەپ، ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
تۈنۈگۈن جەمئىيەت پىدائىيلىرى يەنە قىيىنچىلىقى بار 250 ئائىلىگە سەككىز توننا ئۇن، ماي، گۈرۈچ، پەمىدۇر قىيامى قاتارلىق يېمەكلىك ۋە كۈندىلىك تۇرۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى.
ئۇندىن باشقا يەنە تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر ساخاۋەتچى ياردەم قىلغان 30 مىڭ لىرا نەق پۇلنى ئۆي ئىجارىسى تۆلەشتە قىيىنچىلىقى بار 60 ئائىلىگە 500 لىرادىن تارقىتىپ بەردى. جەمئىيەت مەركىزىگە كېلەلمەيدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەردى.