گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىنالىق يەر سېتىۋالدى

 

گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋەتەنداشلار بىلەن بىر قارارغا كېلىپ، يەر سېتىۋېلىشقا بەل باغلىغان. شۇ كۈندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە جەمئىيەت ھەيئەتلىرىنىڭ كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ۋەتەنداشلارنىڭ ئىزچىل ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە 10-ماي (جۈمە) زەيىست شەھرى ئىچىدىن يەر سېتىۋىلىش توختىمىغا ئىمزا قويۇلغان.
جەمئىيەت رەھبەرلىرى بۇ خۇش خەۋەرنى ۋەتەنداشلارغا يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، بۇ يەرنىڭ بىرئاز قەرز بىلەن سېتىۋېلىنغانلىقى، شۇنداقلا يېڭى ئورۇننى تەلەپكە لايىق تۈزەش، ياساش ۋە بېزەشكە خېلى كۆپ مەبلەغ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن، خەلقىمىزنىڭ جىددىي ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى

يېڭى ئورنى: Van Reenenweg 163, 3702 SJ Zeist

بانكا ھېسابات نومۇرى: stichting Europe Oost Turkistan Educatie centrum

IBAN: NL 18INGB 0005576226

بۇ خەۋەر 1499 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2019 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق