نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار: ماھىرە مەھمۇت

ماھىرە مەھمۇت

(نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار)

 

ئەركىن سىدىق

 

مەن بۇ يازمىدا تۈركىيەدە باغۋەنچىلىك كەسپى بويىچە يېقىندا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن قېرىندىشىمىز ماھىرە مەھمۇتنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. مەقسىتىم تورداشلارغا چەت ئەلدە ئوقۇپ، يۇقىرى ئۇنۋانغا ئېرىشكەن قېرىندىشىمىزدىن بىرنى تونۇشتۇرۇپ، كەلگۈسى ئۈچۈن كۆڭلىگە چوڭ-چوڭ ئىشلارنى پۈككەن ياش-ئۆسمۈرلەرگە بىر ئاز مەدەت بېرىش.

ماھىرە دىيارىمىزنىڭ جاھالەتكە قارشى يېڭىچە مائارىپ مەشئىلىنى ياندۇرغان ئاتۇش ئېكساقتا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئېكساقتا ئەلاچى بولۇپ ئوقۇغان. ماھىرە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە دادىسى ماڭدۇرۇۋاتقان ئۇن زاۋۇتى مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ۋەيران بولۇپ، ئائىلىسى زور ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. بۇ قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى ماھىرە دادىسىغا «مەن ئوقۇماي، ساڭا ياردەملىشەي» دېگىنىدە، مەھمۇتجان ئاكا: «سەن قىز بالا، چوقۇم ئوقۇمىساڭ بولمايدۇ. قىز بالا مىللەتنىڭ ئانىسى، يۇقىرى سۈپەتلىك ئانىلار يۇقىرى سۈپەتلىك ئەۋلاد تەربىيەلەيدۇ. شۇڭا چوقۇم ئوقۇمىساڭ بولمايدۇ. بۇ قىيىنچىلىقلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. جېنىم تېنىمدىلا بولسا، ئالتە بالامنىڭ ھەممىسىنى قەرز ئېلىپ بولسىمۇ ئوقۇتىمەن» دەپ، بالىلىرىنى خاتىرجەم قىلغان. دادىسىنىڭ بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكى ماھىرەگە قاتتىق تەسىر قىلىپ، ئالىي مەكتەپتە يېزا-ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇپ، دادىسىنىڭ زاۋۇتىنى تىرىلدۈرۈشكە بەل باغلىغان.

ئۇ 1998-يىلى ئالىي مەكتەپكە كىرىش بىر تۇتاش ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر بىلەن «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ تەييارلىق بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇللىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى قىلىپ ھەل قىلىپ، 2000-يىلى شىئەن يېزا-ئىگىلىك تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشىغا كىرگەن. 2004-يىلى ماھىرە ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تۈگىتىپ، يۇرتىغا قايتىپ، دادىسىنىڭ ئىگىلىكىگە ياردەملىشىش ئويىدا بولغان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈرلۈك شارائىتلارنىڭ قىستىشى سەۋەبىدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن.

ماھىرە تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن تۆمەر (TÖMER) دە تۈرك تىلى تەييارلىقىنى غەلىبىلىك تۈگىتىپ، 2007-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باغۋەنچىلىك مەنزىرە لايىھەلەش (风景园林设计) كەسپىگە ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىرگەن. بۇ جەرياندا بىر قانچە شىركەتلەرگە كىرىپ ۋاقىتلىق ئىشلەپ، ئوقۇش خىراجىتىنى ھەل قىلغان. 2010-يىلى ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى غەلىبىلىك تاماملاپ، تۈركىيەنىڭ چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىشلىرى ئىدارىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن. بۇ ۋاقىتتا ماھىرە مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىپ، دۆلەت مەمۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىلىمگە بولغان ھېرىسمەنلىكى ئۇنىڭ دوكتورلۇقتا ئوقۇشىنى توسۇپ قالالمىغان.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن دوكتورلۇق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ، 2011-يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆزىنىڭ باغۋەنچىلىك كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان. دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرگەندىن كېيىن ماھىرە تېخىمۇ ئالدىراشچىلىقتا ئۆتكەن. ئۇ ئىدارىسىغا ھەر كۈنى دېگۈدەك سائەت ئالتىدە كېلىپ، توققۇزدا خىزمەت باشلانغۇچە دەرسلىرىنىڭ تەييارلىقىنى قىلغان. كەچتە بارلىق خىزمەتچىلەر ئالتىدە ئىشتىن چۈشسە، ماھىرە سائەت ئونغىچە ئىشخانىسىدا ئۆگىنىش قىلىپ، دەرس تەييارلىغان. تۈركىيەدىكى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن دوكتورلۇق دەرسلىرى تۈگىگەندىن كېيىن، دىسسېرتاتسىيە يېزىش سالاھىيىتى ئىمتىھانى (Qualification Exams) ئېلىنىدىغان بولۇپ، مەزكۇر ئىمتىھان كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن دەرسلىكلەردىن ئېلىنىدۇ. شۇنداقلا ھەم يېزىقچە، ھەم ئېغىزچە ئېلىنىدۇ. بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئىككى قېتىملا پۇرسەت بار بولۇپ، ئۆتەلمىسە پۈتۈن ئوقۇشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ماھىرە پۇختا تەييارلىقى بىلەن بۇ ئىمتىھانلاردىن بىرلا قېتىمدا يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈپ، دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى يېزىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، دوكتورلۇق ماقالىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرۈپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇنىڭ دوكتورلۇق ماقالىسى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن 2015-يىللىق ئەڭ يۇقىرى نومۇرلۇق ماقالە بولۇپ باھالىنىدۇ.

بىز ماھىرەدىن: «دوكتورلۇق ئوقۇش ھاياتىڭىزدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىڭىز؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ مۇنداق دېدى: «دوكتورلۇقتا ئوقۇش ھاياتىمدىكى ئەڭ ئالدىراش بىر مەزگىل بولدى. بىر تەرەپتىن ئىشلىدىم، بىر تەرەپتىن ئوقۇدۇم. ئوقۇشۇمنىڭ ئاخىرقى يىلى پەرزەنتىم دۇنياغا كۆز ئاچتى. ۋاقىت مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك ئىدى. بۇ جەرياندا قېنىپ ئۇخلاپ باققىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. يولدىشىم ئوقۇشۇمنى باشتىن-ئاخىر قاتتىق قوللاپ، ماڭا يېقىندىن ماسلىشىپ كەلدى. ئائىلىدىكى ئىشلارنى ئايرىپ كەتمەي، قولىدىن كېلىشىچە قىلىپ، يۈكۈمنى يەڭگىللەتتى. بىر ئىنسان ھەر قانچە چىقىشقاق بولغان تەقدىردىمۇ، بەرىبىر ھەممىلا ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشەلمەي قالىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدىكەن. دەرس ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بىرى نېمە ئۈچۈندۇر مەندىن قۇسۇر ئىزدەپلا يۈردى. يۈزۈمدىن يۈزۈمگە يەرلىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، مېنى چۆكۈرۈپ تۇردى. دىسسېرتاتسىيە ماقالەمنى پۈتتۈرگەندە، ئۇ ئوقۇتقۇچۇم باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئىچىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ماقالەمنى تاپشۇرسام، قولىغا ئېلىپلا «ھىم، بىلىپ قوي، سېنى ئۆتكۈزمەيمەن» دېدى. شۇنچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئەمما بىرەر ئامالىم يوق ئىدى. باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ شۇ ئوقۇتقۇچىمدىن باشقىلىرىنىڭ باھاسى ناھايىتى ياخشى بولدى. مېنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پۈتتۈرۈشۈمدە ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق ياكى ۋاز كەچمەسلىك ئەڭ مۇھىم ئامىل دەپ ئويلايمەن. يەنە بىر مۇھىم ئامىل كەسپىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا ئۆگىنىش قىلىشتىن زېرىكىپ قالماستىن، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن بىر خىل خۇشاللىق تاپىمەن».

ماھىرە يەنە «ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشىغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇر بالىلىرى ناھايىتى ئەقىللىق ۋە تىرىشچان. ئەمما چەت ئەلنىڭ نەرىدە بولسۇن، ئاسان ئىش ھېچ نەدە يوق. مەلۇم غايىسى بار ياشلىرىمىزنىڭ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشى، ئۆز غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشى ئۈچۈن تىرىشىشى ئەلۋەتتە ناھايىتى ياخشى ئىش. لېكىن بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىپ، بالىلىرىنىڭ مىجەز-خاراكتېرى، قىزىقىشى بىلەن ھېسابلاشماستىن، بالىلىرىنى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ. خۇددى چەتئەللەردە ھەممە ئىشلار ئاسان، تۈپتۈز بولۇپ كېتىدىغاندەك ئويلايدۇ. مېنىڭچە ئاساسى ئاجىز، غايىسىز، مىللىي ئۆزلۈك ئېڭى كەمچىل ۋە بوشاڭ بالىلارنىڭ ئوقۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى ناتايىن. ئەمما ئوقۇشتا نەتىجە قازىنالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆزى بىلەن باشقىلارنىڭ، ئۆز ۋەتىنى بىلەن چەت ئەلنىڭ پەرقلىرى ئۈستىدە ئوچۇقراق پىكىر قىلىشنى، دىيارىمىزغا ئوخشاش بېكىنمە بىر رايوننىڭ ۋە مىللىتىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە يۈزەكى بولسىمۇ تونۇشقا كېلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، يۈرۈش-تۇرۇش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئالاقە ۋە مۇئامىلىلەردە پىشىپ چىقىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مېنىڭچە چەت ئەل ھەر ۋاقىت تىرىشچانلارنىڭ، بەل قويۇۋەتمەيدىغانلارنىڭ سەھنىسى. باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرساق، مەسىلەن: تۈركلەرگە قارىساق، ئۇلارنىڭ گېرمانىيەنىڭ ئۆزىدىلا ئىككى-ئۈچ مىليون نوپۇسى بار. بۇ خىل ئەھۋاللار تۈركلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ مەدەنىيەت، تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ساھەلىرىگە، قىسقىسى تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىكى تەرەققىياتلىرىغا ناھايىتى پايدىلىق بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا بىزگە ئوخشاش ئون نەچچە مىليون خەلقنىڭ بىر-ئىككى مىليونى چەت ئەللەردە ياشىسا، ياكى چەت ئەللەردە ئوقۇسا، بىزنىڭ دۇنيانى ۋە ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە، شۇنداقلا مىللىي تەرەققىياتىمىزغا ھەر تەرەپتىن پايدىلىق دەپ ئويلايمەن».

ماھىرە 2015-يىلى تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورمان فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كىردى. ئۇ ھازىر ئائىلىسى بويىچە تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش شەھىرىدە ياشاۋاتىدۇ.

2016-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى

 

 ماھىرەنىڭ ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى:

 [1] MAMUT.M., BARIŞ.M.E. Çin Bahçesi ve Çin Bahçe Sanatı, s.47-52., Bartın Üniversitesi Orman Fakültesi Dergisi, 2012, Cilt: 14, Sayı:22

 

[2] MAMUT.M. Çevre Sorunları ve Duyarlılığı Geliştirmede Sivil Toplum Kuruluşları , s.665-669., Türk Dünyası Sivil Toplum Zirvesi 11-13 Mayıs 2014 Eskişehir / Türkiye

 

[3] MAMUT.M., Doğu Türkistan’daki Çevre Sorunları/ Niğde Üniversite I. Uluslararası Türk Dünyası Araştırmaları Sempozyumu, Cilt: 2, s:1825-1832

 

[4] Mahire MAHMUTTURAN-SAM Dergisi , Cilt 8, Sayı 29 (2016): s:258-263

İlk Çağlarda Çin Bahçe Anlayışına Türk Kültürünün Etkileri: yayınlanması beklenmekte

 

http://www.meripet.com/2016/20160407_chetel_uyghur24.htm?fbclid=IwAR1zUukek4sXiDjh1ZYzqyDm86z61VYEIqT275KCMTfSDMA6k6XKBzEgsrw

بۇ خەۋەر 9431 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2020 20:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق