خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈچ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈچ تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلەتكەن.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى ئىزچىل تۈردە ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. بولۇپمۇ يېقىنقى مەزگىللەردە خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلالايدىغان ياشلارنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرى ياكى تۈرمىلەرگە قامىدى. شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشنى تېزلىتىش ئارقىلىق خىتايلارنىڭ بىمالال، تېز سۈرئەتتە شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشىگە شارائىت ھازىرلىدى. ھەرخىل ئېتىبار سىياسەتلىرى ئارقىلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتايلارنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ كەلدى.
خەۋەردە خىتاي قۇرۇلۇش قىلىۋاتقىنى خوتەن شەھىرى بىلەن كورلىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈريول ئىكەنلىكى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ 826 كىلومېتىر كېلىدىغانلىقى، 2018-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2021-يىلى رەسمىي قاتناش باشلاشنى پىلانلانغانلىقى، ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسىدا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە ئىككىنچى قۇرۇلۇشنىڭ گولمود-كورلا تۆمۈريولى ئىكەنلىكى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنىڭ 1215 كىلومېتىر ئىكەنلىكى، بۇ تۆمۈريول چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ گولمودتىن باشلىنىپ، غەربتە ئۇتمىرىن، گانسېن، خۇاتۇگۇ قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئالتۇنتاغدىن ھالقىپ، ئاندىن چاقىلىق، لوپنۇر ناھىيەلىرى ئارقىلىق كورلىغا تۇتىشىدىغانلىقى، نۆۋەتتە گولمود-كورلا تۆمۈريولىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى بۆلىكىگە رېلىس ياتقۇزۇش ۋەزىپىسىنىڭ %85ىنىڭ تاماملانغانلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پۈتۈن لىنىيە بويىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە يەنە خىتاي قۇرۇلۇشنى تېزلەتكەن ئۈچىنچى تۆمۈريول ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولى ئىكەنلىكى، مەزكۇر تۆمۈريولنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۆمۈريولىنىڭ شىمالىي لىنىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، بۇ تۆمۈريول بېيتۇن-ئالتاي تۆمۈريولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولغان ئالتاي ۋوگزالىدىن باشلىنىپ، شەرقىي جۇڭغار شىمالىي ۋوگزالىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقى، شىمالىي ئۇچىنىڭ ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزالىدىن جياڭجۈنمياۋغىچە تۇتىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 427 كىلومېتىر بولۇپ، ئالتاي-كۆكتوقاي-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ كۆكتوقايدىن شەرقىي جۇڭغارغىچە بولغان بۆلىكىدە بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 30-كۈنى قاتناش باشلانغانلىقى، ئالتايدىن كۆكتوقايغىچە بولغان بۆلىكىدىكى رېلىس ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقى، 8ـ ئاينىڭ 30ـ كۈنىدىن بۇرۇن پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاشنىڭ پىلانلانغانلىقى، مەزكۇر تۆمۈريول بۆلىكى كۇيتۈن-بېيتۈن تۆمۈريولى، لەنجۇ-شەرقىي تۈركىستان تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى-جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى تۆمۈريول ئايلانما لىنىيەسىنى ھاسىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر قۇرۇلۇش ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن ئۈرۈمچىنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، لىنىيە ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى تالان- تاراج قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بۇ خەۋەر 2280 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2020 18:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق