تارىم ئويمانلىقىدىن زور مىقداردا نېفىت زاپىسى بايقالدى

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ 8-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ شايار ناھىيەسى تەۋەلىكىدە 228 مىليون توننا نېفىت زاپىسى بايقالغان.
خەۋەردە يېڭىدىن بايقالغان 228 مىليون توننىلىق بۇ نېفىت زاپىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە بازىسى دەپ تەرىپلىنىۋاتقانلىقى، كۈندىلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ يەنە بىر قېتىم رېكورت ياراتقانلىقى، بايقالغان نېفىت زاپىسىنىڭ خىتاي نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئېنېرگىيە مەنبەسى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، قۇل ئورنىدا ئەمگەككە سېلىش، يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش، ھەتتا پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1951 قېتىم كۆرۈلدى
09/04/2020 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق