ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى ياردەم توپلاشنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئۆز خەۋىرىمىز: ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى بىرىنچى باسقۇچلۇق ياردەم توپلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ۋىرۇسى خەلقئارادا كەڭ تارقىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېغىر تەھدىت بولۇۋاتقان، ئىقتىسادى كۈچلۈك دۆلەتلەرمۇ ئالاقزادە بولۇۋاتقان جىددىي بىر پەيتتە، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، ھەر قايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن قۇرۇلغان ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزى ھەر قايسى جەھەتتىن تەييارلىق خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
-4ئاپرېلدىن باشلاپ ياردەم توپلاش خىزمىتىنى باشلىنىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى خىتاي ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىگە تەيىنلەنگەن مەسئۇللارنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى، كۆپ سانلىق خەلقىمىزنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە بىرىنچى باسقۇچلۇق ياردەم توپلاش پائالىيىتى ئاخىرلىشىپ خۇلاسە قىلىندى.
ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ياردىمى دۆلەتلەر بويىچە تۆۋەندىكىچە:
گېرمانىيە 149,237.55 تۈرك لىراسى، تۈركىيە 77,500 تۈرك لىراسى، كانادا 54,492.14 تۈرك لىراسى، گوللاندىيە 37,826.44تۈرك لىراسى، ئاۋسترالىيە 33,451.03 تۈرك لىراسى، نورۋېگىيە 27,270.45 تۈرك لىراسى، شىۋېتسىيە 20,236.54 تۈرك لىراسى، شىۋېتسارىيە 19,123.72 تۈرك لىراسى، ئاۋسترىيە 14,095 تۈرك لىراسى، فىرانسىيە 9,777.96 تۈرك لىراسى، بېلگىيە 9,254.51 تۈرك لىراسى، فىنلاندىيە 8,858.26 تۈرك لىراسى، ياپونىيە 6,763.74 تۈرك لىراسى، ئامېرىكا 6,763.68 تۈرك لىراسى ياردەم قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي يىغىلغان ياردەم سوممىسى 474,650.05 تۈرك لىراسى بولغان. ئۇندىن باشقا ئەنگلىيە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ھازىرچە ياردەم ئەۋەتىلمىگەن.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى مالىيە مەسئۇلى ۋە ياردەم مەركىزىنىڭ تۈركىيەدىكى مەسئۇل ھەمدە كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرغۇچى ھەيىئەت ئەزاسى نىزامىدىن ھاجىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ۋىرۇس كىرىزىسى ياردەم مەركىزىنىڭ ياردەم توپلاش خىزمىتى قانداق داۋاملىشىۋاتىدۇ ؟ ياردەمنىڭ توپلىنىش ئەھۋالى كۈتكىنىڭلاردەك بولدىمۇ؟» دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى، ئەمما تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇۋاتقان قىسمەن بايلارنىڭ ھازىرغىچە ھەرىكەتكە كەلمىگەنلىكىنى، ئەمما بۇلارنىڭمۇ كۈچىنى يىغىپ، بىراقلا ياردەمگە ئۆتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىزامىدىن ھاجىم يەنە «ھازىرغىچە تۈركىيەدە تىزىمغا ئالدۇرغان قىيىنچىلىقى بار ئائىلىنىڭ سانى قانچىگە يەتتى؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ھازىرغىچە تىزىملاتقانلارنىڭ 1400گە يەتكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ باشقا ۋىلايەتلىرىدىمۇ تېخى تىزىمغا ئالدۇرالمىغان قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇندىن باشقا ياردەم مەركىزىنىڭ تۈركىيەدىكى باشقا مەسئۇللىرىغا تىزىمگە ئالدۇرغانلارنىڭمۇ بار ئىكەنلىكىنى، ھازىر توپلانغان ياردەمنىڭ ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىغانلىقىنى، ھەر قايسى دۆلەتتە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ تېخىمۇ غەيرەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ياردەم توپلاش پائالىيىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.