شەرقىي تۈركىستاندا يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاندا يەر تەۋرىدى
قىرىم ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاراماي شەھىرىدە 6.2 بال يەر تەۋرىگەن.
بۇ خەۋەرنى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىرلەشمە گېئوفىزىكا مۇلازىمەت مەركىزى ئالتاي-سايان تارمىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا 6-ئاپرېل سائەت 11 دىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاراماي شەھىرى بۇلاق رايونىدا 6.2 بال يەر تەۋرىگەنلىكى، ۋەيران قىلىش كۈچىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى، ھازىرچە ئۆلۈم-يېتىم ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ئەمما خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە 6-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستاننىڭ قاراماي شەھىرى قاراماي رايونىدا 2.0 بال يەر تەۋرىگەنلىكى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 10 كىلومېتىر، تەۋرەش دائىرىسىنىڭ 15 كىلومېتىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تەۋرەش قاراماي رايونىدىن 30 كىلومېتىر، جەرەنبۇلاق رايونىدىن 33 كىلومېتىر، تولى ناھىيەسىدىن 75 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى رايوندا يۈز بەرگەن

بۇ خەۋەر 2436 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2020 22:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق