بارىن شېھىتلىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز!

بارىن شېھىتلىرىنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز!
5-ئاپرېل بارىن جىھادى خاتىرە كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل دۇنياغا يامراۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ھەرقايسى دۆلەتلەردە ھېچقانداق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى.
شۇنداقتىمۇ ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋە خەلقىمىز ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە بۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنتۇلدۇرمايدىغانلىقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشتى. جۈملىدىن تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان بارىن شېھىتلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: «5-ئاپرېل شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈندۈر. بۇنىڭدىن 30 يىل مۇقەددەم 5-ئاپرېل كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىگە قاراشلىق بارىن يېزىسىدا زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى يۈزلىگەن ياشلار قوراللىق تەشكىللىنىپ، خىتاي ئىشغالىيىتىگە ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى قوراللىق ھەرىكەت قوزغىدى ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىنى ۋە باستۇرۇشلىرىنى ھېچقاچان قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا جاكارلىدى.
بارىن يېزىسىدا خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ياڭرىغان ئوق ئاۋازى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننى زىلزىلىگە سالدى. خەلق ئويغاندى، ئۈمىدلەندى، يۈرەكلىرى جاسارەتكە تولدى. دۈشمەنگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى كۈچەيدى. مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسى خەلقنى كۈرەشكە ئاتلىنىشقا چىللىدى. گەرچە بارىن قەھرىمانلىرى دۈشمەندىن قورال ۋە ئەسكىرىي جەھەتتە ئاجىز بولسىمۇ، كۈچلۈك مەنىۋى روھ ۋە قەلبىدىكى تەۋرەنمەس ئىمان ئۇلارنى دۈشمەندىن ئۈستۈن قىلدى. ئۇلار دۈشمەنگە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشغالىيەتنى ھېچقاچان قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى تونۇتۇپ قويدى
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى داۋاملىشىپ كەلدى. بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشكەن دۈشمەن چېكىدىن ئېشىپ، تېخىمۇ ۋەھشىيلەشتى ۋە خەلقكە تېخىمۇ ئېغىر زۇلۇم قىلىشقا باشلىدى. بىراق قەھرىمان خەلقىمىز دۈشمەنگە باش ئەگمەي قارشى تۇرۇپ، ئازادلىق كۈرىشىنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ .
دۇنيادا ئۆزىنى ئەڭ كۈچلۈك چاغلاۋاتقان دۈشمەن قارشىلىق ھەرىكەتلەرگە چىدىيالماي قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى. ئاخىرى بولسا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە قاماشتەك رەزىل چارە-تەدبىرلەرنى قوللاندى. نەچچە مىليون بىگۇناھ خەلقىمىز دۈشمەننىڭ جازا لاگېرلىرىدا ۋە تۈرمىلىرىدە ناھەق يېتىۋاتىدۇ. شۇنىسى ھەقىقەتكى، خىتاي نەچچە مىليون خەلقىمىزنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەرگە قامىغان بولسىمۇ، قەبىھ ۋەھشىيلىكلەرنى قوللىنىپ، ئېغىر زۇلۇملارنى سېلىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى يوقىتالمايدۇ ۋە خەلقىمىزنى يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە ھەرگىزمۇ يېتەلمەيدۇ.
بارىندا ياڭرىغان ھۆرلۈك سادالىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل ئاسمانلىرىدا ھەر دائىم ياڭراۋاتىدۇ. بۇ سادالار بىر كۈنى چوقۇم دۈشمەننى بىتچىت قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئازادلىقنى قولغا ئېلىپ، مۇستەقىل، ھۆر دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، دۇنيادىكى دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. بۇ خىيال ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتتۇر. بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل.
بارىن قەھرىمانلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى، تىلى، دىنى ئېتىقادى بىلەن ئەركىن ياشاش، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردە ھېچقانداق چەكلىمە ۋە توسالغۇلارغا ئۇچرىماستىن، ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى بىلەن ھۆر، مۇستەقىل ياشايدىغان مۇھىت بەرپا قىلىش يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلىپ شېھىت بولدى.
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىنى ھېچقاچان قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان قەھرىمان بارىن شېھىتلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. جانابىي ئاللاھ بارىن شېھىتلىرى ۋە ۋەتەن، خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان بارلىق قەھرىمان شېھىتلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي، ئامىن!»
بىز شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى ھەمدە ئىستىقلال بۆلۈمى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارىن شېھىتلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز. شۇنداقلا بار ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن ھازىرقى زۆرۈر جىھادلاردىن ھېسابلىنىدىغان قەلەم كۈرىشى ۋە ئاخبارات كۈرىشى ئارقىلىق شېھىتلىرىمىزنىڭ پىداكارلىق، قەھرىمانلىق روھىنى خەلقىمىزگە، ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشكە، خەلقىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ئويغىتىشقا ۋە كۈچەيتىشكە، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى دۇنياغا پاش قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىمىز.

بۇ خەۋەر 2149 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2020 19:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق