كۆك ھىلال جەمئىيىتى ئېغىر كۈنلەردىمۇ خىزمىتىنى توختاتمىدى

كۆك ھىلال جەمئىيىتى ئېغىر كۈنلەردىمۇ خىزمىتىنى توختاتمىدى
5-ئاپرېل كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىدىكى پىدائىيلار خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قىينچلىقتا قالغان قېرىنداشلارغا ياردەم قىلدى.
كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرلغاندىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ياردەم خىزمىتىنى داۋالاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى پەيدا بولغاندىن باشلاپ ياردەم خىزمىنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ داۋاماشتۇرماقتا.
ئەرلىرى خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ياكى خىتاينىڭ پاپۇرتلىرىنى مەسادىرە قىلىشى سەۋەبلىك ئەرلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قالغان بالىلىق ئاياللارنىڭ سانى كۆپ ئىدى. يېقىندا ئۇلارغا يەنە، خىتاي ۋىرۇشى سەۋەبلىك ئشلەۋاتقان ئىش ئورنى تاقىلىپ، ئىشقا بارالمىغان ئائىلىلەر قوشۇلدى.
كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىدىكى پىدائىيلار خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، مەخسۇس پىدائىي تەشكىللەپ، ئۈن، ماي، گۇرۇچ، پەمىدۇر قىيامى قاتارلىق يېمەكلىك ۋە كۈندىلىك بۇيۇملارنى ئېتىياجى بار ئائىلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بەردى.

بۇ خەۋەر 2634 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2020 14:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق